شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈن): «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى»نى توسۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باج تارماقلىرى «ئىقتىسادچان-تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» ئىدىيەسىنى يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى چېن جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەرىكىتى»نى ئىدارىدىن ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىپ، مەدەنىي غىزالىنىشتىكى يېڭى مودىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىدارە بارلىق باج كادىرلىرىغا «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش، مەدەنىي غىزالىنىش ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش» تەشەببۇسنامىسىنى چىقىرىپ، دەل جايىدا تاماق تەقسىملەش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق باج ئىدارىسى، ئورگان ئاشخانىسىدا يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىشنى ئاي بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىش ھەم ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئورناتتى. ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق باج ئىدارىسى «كىچىك قاچىلىق گۈرۈچ» «كىچىك تەخسىلىك سەي»نى يولغا قويۇپ، كۆپچىلىكنى ئېھتىياج بويىچە تاماق يېيىشكە يېتەكلىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«كېيىنكى قەدەمدە، داۋاملىق دەل جايىدا مىقدارلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك يېمەكلىك سېتىۋېلىش مىقدارى ۋە غىزالىنىدىغانلارنىڭ سانىنى ئىلمىي ھەرىكەتچان ئىز قوغلاپ، تېجەشلىك باج ئورگىنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىمىز.»