تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يۈرەكنىڭ رىتىمسىز سوقۇشى قانداق پەيدا بولىدۇ

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: بەزىدە يۈرىكىمىز ئەنسىز سوقۇپ، بۇنىڭغا نەپەس قىيىنلىشىش، باش قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش، دېمى سىقىلىپ نەپەس ئالالماسلىق قوشۇلىدۇ... جىنەن داشۆ قارىمىقىدىكى بىرىنجى دوختۇرخانا يۈرەك ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گو جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەب يۈرەك سوقۇشىنىڭ رىتىمسىزلىقى بولۇپ، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، يۈرەك سوقۇشى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىش، يۈرەك سوقۇشى قالايمىقانلىشىش، باش قېيىش، نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سانجىقى، ھەتتا ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئالاھىدە ھوشيار بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

   1. ئادەم ئۇزۇن ۋاقىت يېپىق، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇھىتتا تۇرغاندا، ئادەتتە ھەرىكىتى ئاز، ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا،  ئىچكى ئەزا نېرۋا ئىقتىدارى قالايمىقانلاشقاندا، نېرۋىسى ئاجىز بىمارلاردا دائىم يۈرەك ئەنسىز سوقۇش، دىمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2.  بەك جىددىيلىشىپ كەتسە، ئىچى سىقىلىپ، روھىي بېسىمى ئېشىپ كەتسە، يۈرەك ئەنسىز سوقۇپ، دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. قېنىق چاي، قەھۋە، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش قاتارلىقلارمۇ يۈرەكنىڭ رىتىمسىز سوقۇپ، دېمى سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  يەنە بىر خىلى پاتالوگىيەلىك يۈرەك ئەنسىز سوقۇش بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ھوشيار تۇرۇش كېرەك:

  1. بالدۇر سوقۇش، مەسىلەن، دالانچە خاراكتېرلىك بالدۇر سوقۇش، تۇتىشىش خاراكتېرلىك بالدۇر سوقۇش ۋە قېرىنچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش قاتارلىقلار.

  2. يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، مەسىلەن، ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، تۇتقاقلىق خاراكتېرىدىكى يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىش، يۈرەك دالانچىسى تېز سۈرئەتتە تىترەش قاتارلىقلار.

  3. يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش، سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش كېسەللىك ھالىتىدىكى سىنۇس-دالانچە تۈگۈنى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈش توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. ھەر خىل ئەزا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى، قىسمەن كېسەللىك سەۋەبلىرىنى يۇقىرى قان بېسىمى مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى، بىرلەمچى يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى ۋە بەزى تۇغما يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ