شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لۈ نا، ليۇ لى): «تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ!» 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە، تىيانشان تۆمۈر جىلغىسىنى ئەمدىلا ساياھەت قىلىپ بولغان جېجياڭلىق ساياھەتچى ليۇ شياۋشى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەر جياڭنەننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، تىيانشان تۆمۈر جىلغىسى كىشى ئۆمرىدە چوقۇم بىر كېلىشكە تېگىشلىك جاي ئىكەن!»
ليۇ شياۋشى جېجياڭ قاتناش ئاۋازى رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ «مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى «شېئىرىي مەنزىرىدەك جېجياڭ-شىنجاڭ» ھۆددە ئايروپىلان ساياھەت ئۆمىكى تەركىبىدە 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى. مۇخبىرلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن» تېمىسىدىكى «شېئىرىي مەنزىرىدەك جېجياڭ-شىنجاڭ» ساياھەت ئۆمىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان كۈزلۈك، قىشلىق ساياھەتتىكى تۇنجى ھۆددە ئايروپىلان ساياھەت ئۆمىكى بولۇپ، ساياھەت ئۆمىكىدە 200گە يېقىن ئادەم بار ئىكەن، ئۇلار جېجياڭدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، ساياھەتچىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«مەن جېجياڭ-شىنجاڭنى سۆيىمەن» ماركىسىدىكى «شېئىرىي سۈرەتتەك جېجياڭ-شىنجاڭ» ھۆددە ئايروپىلان ساياھەت ئۆمىكى سەككىز كۈنلۈك ساياھەت ۋە 12 كۈنلۈك ساياھەتكە ئايرىلغان بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش شەكلى ساياھەتچىلەرگە گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى ھېس قىلدۇردى. ساياھەتچىلەر ئاقسۇغا يېتىپ بارغان تۇنجى بېكەتتە تىيانشان تۆمۈر جىلغىسىغا، ئىككىنچى بېكەتتە ئاۋات دولان قەبىلىسىگە باردى. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ساياھەتچىلەر يەنە ئارال شەھىرى، كۇچا شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىدۇ.