تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر لۈ ۋېن خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئايدا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى رەڭگارەڭ قوينىنى ئېچىپ، ماڭىمەن دەپلا ماڭالايدىغان ساياھىتىڭىزنى كۈتمەكتە.
شىنجاڭنى ساياھەت قىلغاندا، تەبىئىيكى قاناسنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھەر يىلى 9-ئايدىن 10-ئايغىچە، قاناسنىڭ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك بولىدۇ، كۈز ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، كۆل بويىدىكى ئاق قېيىن، قىزىل قارىغاي، ئاق شەمشاد قاتارلىق دەل-دەرەخلەر قىپقىزىل ياكى ئالتۇندەك پارقىراپ، سۈپسۈزۈك كۆل يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدۇ. قاناستا باھاردا گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى، يازدا يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆككە تۇتاشقانلىقىنى كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، قاناسنىڭ كۈز پەسلىدىكى رەڭدار مەنزىرىسىدىن قانداقمۇ ۋاز كەچكۈڭىز كېلىدۇ؟
ئالتايغا بارغان كىشى كۆكتوقايغا بارمىسا بولمايدۇ. كۈز كۈنلىرىدىكى كۆكتوقايدا ئىللىق قۇياش نۇرى، كۆپكۆك ئاسمان، تاغ-دەريالار، بۇلۇتلار ئارىسىدىكى چوڭ جىلغىلار، جاھاندىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاق قېيىن ئورمانلىقى ئالتۇن رەڭدە بويالغان بولۇپ، قۇياش نۇرى تاغلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. كۆكسۇ، ئىرىم كۆلى، ئېرتىش چوڭ جىلغىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ھەر بىر جايدا كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان مەنزىرە بار.
ئاق قېيىنزارلىق تىلغا ئېلىنغاندا، ئاۋۋال قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق مەنزىرە رايونى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ئەگەر قاناسنىڭ كۈز پەسلىنى دۈم كۆمتۈرۈلگەن تەبىئەتنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسىسى دېسەك، قابا ناھىيەسىدىكى ئاق قېيىنزارلىق كۆڭۈل قويۇپ سىزىلغان ئالتۇن رەڭلىك ماي بوياق رەسىمدۇر. ئورمانلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، كۆز يەتكۈسىز گۈزەل كۆرۈنىدۇ. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭدە، ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل، ئاسمان كۆپكۆك، دەريا سۈيى سۈپسۈزۈك... ئاق قېيىنزارلىق ئىچىدە ماڭغاندا، پۈتكۈل ئورمانلىق ئارىسىدىن ئالتۇن رەڭلىك رومانتىكىلىق تارىلىپ تۇرىدۇ.