تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

«جياڭنەن تۇرمۇش ئېستېتىكىسى كۆرگەزمىسى» ئاقسۇدا باشلاندى

«قەھرىتان كېچىدە كەلگەن مېھمان» ناملىق يۈرۈشلۈك چىنە-چەينەكلەر.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى): خۇش پۇراق ماتېرىياللار، چاي ئەۋرىشكىلىرى، فارفور بۇيۇملار... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى، جېجياڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «جياڭنەن تۇرمۇش ئېستېتىكىسى كۆرگەزمىسى» 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن(مۇزېي)دە باشلاندى. 150(گۇرۇپپا)تىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمى جۇڭگو جياڭنەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى نەپىس تۇرمۇشىنى نامايان قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە «خۇش پۇراق»، «پۇراش»، «تەم»، «مەنە»دىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، خۇش پۇراق ماتېرىياللار، چاي ئەۋرىشكىلىرى، ھەيكەلتىراشلىق ئۇستىسىنىڭ ئىجادىي قالۇنى، ساپال ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسىنىڭ ئەسەرلىرى قاتارلىقلار ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا جۇڭگو جياڭنەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى نەپىس تۇرمۇشى ۋە ئېستېتىك روھىنى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  جېجياڭ ۋۇيۆ مەدەنىيىتى تارقالغان جاي، ئېسىلزادىلەردىن ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە، قۇرۇلۇش، ئۆي سايمانلىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىن نەپىسلىكنى ئايرىپ چىقىپ، مول ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى نەپىس، ئېسىل جياڭنەن ئېستېتىكىسى ۋەكىلىگە ئايلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە باشلانغان كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن(مۇزېي) يەنە چاي سەنئىتى ماھارىتى كۆرسىتىش ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھاراق قاچىلىرى مەخسۇس تېمىسىدىكى لېكسىيە ئۆتكۈزىدىكەن، نەق مەيداندا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پائاليىتى ئارقىلىق، تاماشىبىنلارغا يۈز يىللىق جياڭنەن ئېستېتىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇرىدىكەن. (سۈرەتلەرنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن تەمىنلىگەن)

«ساھىبجامالنىڭ مەست بولۇشى» ناملىق ھاراق بۇيۇمى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن ئورۇنلاشتۇرغان كۆرگەزمە نەق مەيدانى.

زىشاۋ نېلۇپەر يوپۇرمىقى چاي قاچىسى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋېنبويۈەن ئورۇنلاشتۇرغان كۆرگەزمە نەق مەيدانى.

مىنگو جېجياڭ ئېقىمى قالۇنى.

   بۇ داڭلىق ھەيكەلتىراش، خاڭجوۋ شەھەرلىك ھەيكەلتىراشلىق يۇرتىنىڭ باشلىقى لىن گاڭ ياسىغان «ئاسمان پەلەككە تاقىشىش» ناملىق قالۇن بولۇپ، ئىشلىتىپ بولۇنغان، تاشلىۋېتىلگەن سانائەت ماشىنىلىرى زاپچاسلىرىنى كەپشەرلەش، پەرچىنلەش، ۋىنتىلار بىلەن قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياساپ چىقىلغان.

كۇنچۈ تىياتىرى «مۇدەن شىپاڭى»دىكى كىيىملەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ