شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما يىنىڭ): شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىنىشىچە، يەرلىك ساياھەت مەنزىلىگە بىۋاسىتە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىش، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى «بىر ئەگىم، ئۈچ ئايلانما» شىنجاڭ ئىچى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى مەخسۇس لىنىيەسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى، «بىر ئەگىم» جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسى(قاناس-غۇلجا-قەشقەر)نى، «ئۈچ ئايلانما» ئالتاي ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى(ئالتاي-قاناس-كۆكتوقاي)، شىمالىي شىنجاڭ ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسى(بوغدا كۆلى-تۇرپان-قاناس-غۇلجا)، شىمالىي شىنجاڭ ساياھەت كىچىك ئايلانما لىنىيەسى (قاناس-قاراماي ئالۋاستى شەھىرى-بوغدا كۆلى-تۇرپان)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
شىنجاڭ سىرتىدا، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىئەن-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، كېيىنكى مەزگىلدە، شىئەن-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بېيجىڭغىچە كېڭەيتىلىپ، بېيجىڭ-شىئەن-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىش پىلانلاندى. سىچۇەن ئاۋىياتسىيەسى 10-ئايدا چۇڭچىڭ-شىئەن-ئالتاي، چېڭدۇ-شىنىڭ-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.