تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئۆزئارا ياردەم بەرسەك، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر شۈ ۋەنلى): «بۇ يىل ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئىنىم، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ، ئاپتاپقا سېلىڭ...» 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ماناس ناھىيەسى لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىدە، بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى كۆممىقوناق ئورۇش ماشىنىسى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق ئورۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى ۋېي جاۋلىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش يەنە بىر قېتىم قازاق قېرىندىشى مۇرال قاسىمقاننىڭ كۆممىقوناق يىغىشىغا ياردەم بەردى.

  ۋېي جاۋلىن بۇ يىل 52 ياش، مۇرال 48 ياش بولۇپ، ئىككىسى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئاكا-ئۇكا بولۇپ كەلگەن.

  2007-يىلى، مۇرال ئائىلىسىدىكىلەر ماناس ناھىيەسى تاسىرقاي قازاق يېزىسىدىكى تاغلىق رايوندىن لوتۇيى بازىرى شاڭجۇاڭزى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. دەسلەپكى ئىككى يىلدا، مۇرال تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى بىلمىگەچكە، يەر تېرىپ پۇل تاپالمايلا قالماي، يەنە زىيان تارتتى. 2009-يىلى ئەتىيازدا، مۇرال ئائىلىسى 30 مودىن ئارتۇق يېرىگە كېۋەز تېرىيدىغان سېيالكا تاپالمىدى، ۋېي جاۋلىن بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ مۇرالنىڭ كېۋەزلىكىگە كەلدى. «كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق يوق دەيسىز؟ يۇرتداشلار ياردەم قىلساقلا ھەل بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بەرسەكلا، ئاندىن بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ» دېدى ۋېي جاۋلىن.

  شۇ چاغدىن باشلاپ، ۋېي جاۋلىن مۇرالغا تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەنە ئۇنىڭ دورا چېچىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىشىغا ياردەم بەردى. مۇرال ۋېي جاۋلىننى ئاكا دەپ چاقىردى، ھەرقانداق ئىشقا يولۇققاندا ۋېي ئاكىغا دەيتتى.

  مۇرالنىڭ كىچىك قىزى دىنا مۇرالنىڭ سالامەتلىكى كىچىكىدىنلا ياخشى ئەمەس ئىدى، ۋېي جاۋلىن بىلەن خوتۇنى دائىم ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى، بەزىدە تېخى دىنانى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ياخشى يېمەكلىكلەرنى دىناغا يىگۈزەتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، دىنا بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك كۆرىدىغان بولدى. ئۇ ئادەتتە ئۆگىنىشتە بىلمىگەنلىرىنى ۋېي جاۋلىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ سورايتتى.

  مۇرال ئائىلە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىدى، ئۇ بۇ خىيالىنى ئاكىسى ۋېي جاۋلىنغا ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئەتىسى ۋېي جاۋلىن ئۇنىڭ 40 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى. مۇرال بۇ پۇلغا قوتان سېلىپ، 30دىن كۆپرەك ساغلىق سېتىۋالدى. ئۇ يەر تېرىشنى ئۆگىنىۋالدى، باقمىچىلىقنىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى، مۇرال ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. «ئۈچ يىلدا، ئائىلىمىزدە 100دىن ئارتۇق قوي بېقىلدى، ھازىر يەنە نەچچە كالا سېتىۋالدۇق، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋېي ئاكامغا رەھمەت ئېيتىمەن.» ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئالغاندا، مۇرالنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ