تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئارىلىق يېقىنلاشتى، جاھان كېڭەيدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

ئىلگىرى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن ئۈچ كۈن چايقىلىپ ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 75 ياشلىق دېھقان ئەيسا تۇرسۇن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «ئۆزگىرىش بەك زور بولدى، ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!»

ئەيسا بوۋاي قاغىلىق ناھىيەسى شىخىشۇ يېزىسى شىخىشۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، شىخىشۇ كەنتى ناھىيە بازىرىغا 180 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى، كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقسا ئات ھارۋىسى ياكى ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇراتتى، يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، يول يۈرۈش قىيىن بولغاچقا، ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا ئۈچ كۈن كېتەتتى.

«ئادەتتە يىلدا بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، بىر قېتىمدىلا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ بىر يىللىق كىيىم - كېچىكى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالاتتىم.» ئەيسا مۇنداق دېدى: «ھازىر يول بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، يەنە كېلىپ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرى يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، سىرتقا چىقىش قولايلاشتى، ناھىيە بازىرىغا بارىمەن دەپلا بارالايدىغان بولدۇق».

توپا يولدىن شېغىل يولغىچە يەنە ئاسفالت يولغىچە، ئېشەك ھارۋىسىدىن موتوسىكلىت، پىكاپقىچە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان شىخىشۇ كەنتىدىكى سەپەرگە چىقىشتىكى ئۆزگىرىش شىنجاڭدىكى تۈمەنلىگەن كەنتلەرنىڭ قاتناش ئەھۋالىدا بولغان ئۆزگىرىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

قاتناشنىڭ قولايلىق دەرىجىسى ۋە سەپەرگە چىقىش ئارىلىقىنىڭ يىراق - يېقىنلىقىمۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆلچەيدىغان بىر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ. «بىر ئۆمۈر كىچىك تاغلىق كەنتتىن چىقىپ باقماسلىق»تىن يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇش، خىزمەت قىلىشقىچە، يەنە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھەتتا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىشقىچە، شىنجاڭلىقلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارىلىقى بارغانسېرى ئۇزاردى، بۇلار تۇرمۇش دائىرىسىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، قاتناش قۇرۇلۇشىغا مىسلىسىز زور مەبلەغ سالدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ئاپتوموبىللار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ، پويىزلار ئۇچقاندەك قاتنايدۇ، ئايروپىلانلار يىراقلارغا ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ئىلگىرىكى بېكىنمە جاي ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى قاتناش تۈگۈنى مەركىزىگە ئايلاندى.

دېھقان - چارۋىچىلار «سىرتقا چىقساق يول بار، پۇتىمىزنى ئالساقلا ئاپتوموبىلغا چىقالايمىز»

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىدە، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئوبۇل مەمەت ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈرتۈۋاتاتتى. بۇ چاغدا، تاغارچى بازىرى چەك - چەك لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت تۇنىياز ئاپتوموبىلغا چىقتى، ئۇ ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئىش بېجىرىپ، چۈشتىن كېيىن كەنتكە قايتىپ كېلەتتى.

چەك - چەك لەڭگەر كەنتى ناھىيە بازىرىغا 20 كىلومېتىر كېلەتتى، نۇرئەخمەتنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئىلگىرى ناھىيە بازىرىغا بېرىش ئۈچۈن، ئېشەك ھارۋىسى ياكى موتوسىكلىت بىلەن ئاۋۋال بازارغا بېرىپ، ئاندىن يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا توغرا كېلەتتىكەن. كەنت بىلەن بازارنىڭ ئارىلىقى توققۇز كىلومېتىر بولۇپ، ئىلگىرى توپا يول ئىكەن، يول بويى سىلكىنىپ، بازارغا كەلگەندە ئۈستباشلىرى توپا - چاڭ بولۇپ كېتەتتىكەن. «ناھىيە بازىرىغا بارغاندا ئۈستباشلىرىمىزنى توپا بېسىپ كەتكەچكە، بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىمىز سۇ تېپىپ يۈزىمىزنى يۇيۇش بولاتتى» دېدى ئۇ.

2017 - يىلىدىن كېيىن، كەنتكىچە ئاسفالت يول ياسالدى، نۇرئەخمەت كەنتتىلا يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ ناھىيە بازىرىغا بارالايدىغان بولدى.

2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك».

2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قاتنىشىغا 397 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى، بۇ 1949 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە تاشيولغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 1.53 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قاتناش تىرانسپورت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، تاشيول تورى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، دەرىجە قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، قاپلاش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيدى.

2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول قاتنىشى ئومۇمىي مۇساپىسى 194 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 18 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەك ئاشتى. تاشيولدا قاتناش باشلاش ئومۇمىي مۇساپىسىدە، يېزا تاشيوللىرىدا قاتناش باشلانغان ئومۇمىي مۇساپە 133 مىڭ 100 كىلومېتىر (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنايدىغان بولدى.

نۇرئەخمەت ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موتوسىكلىت، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت سېتىۋالدى. كەنتتە شەخسىي ئاپتوموبىللار كۆپەيدى، ھازىر ناھىيە بازىرىغا بېرىشتا، نۆۋەتچى ئاپتوموبىل بولۇپلا قالماي، يەنە قوشنىلارنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرسىمۇ بولىدىغان بولدى.

«سىرتقا چىقساق يول بار، پۇتىمىزنى ئالساقلا ئاپتوموبىلغا چىقالايمىز. ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بەختلىك» دېدى نۇرئەخمەت.

شەھەرلەر تېخىمۇ «يېقىن»لاشتى، شىنجاڭ «كىچىك»لەشتى

9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى.

پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا تېخى ۋاقىت بار ئىدى، غۇلجا شەھىرىگە بارىدىغان ليۇ يۈ يان تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى. «ھازىر <فۇشىڭ> ناملىق پويىز بەش سائەتتىلا غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ، بىردەمدىلا ئۆيگە بارالايمىز» دېدى ئۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم قاتنىغان پويىزغا ئولتۇرۇش تەسىراتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى.

2014 - يىلىدىن كېيىن، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، قاراماي - چۆچەك تۆمۈريولى، بورتالا ئوبلاستى تارماق تۆمۈريولى قاتارلىق تۆمۈريوللاردا ئارقا - ئارقىدىن قاتناش باشلىنىپ تىجارەت باشلاندى، نۆۋەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈش مۇساپىسى 6839 كىلومېتىرچە بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئېشىپ، پويىز قاتنىغان دائىرە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىنى قاپلىدى.

قاتناش - يېتىپ بېرىش ئاساسىدا پويىزنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېزلەشتى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ھەر يىلى پويىزنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى كۆپ قېتىم تەڭشەپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتتى. بۇلتۇر 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا «فۇشىڭ» ناملىق پويىز قاتنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، «فۇشىڭ» ناملىق پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى تەدرىجىي ھالدا غۇلجا، كۈيتۈن، شىخو، بورتالا قاتارلىق 14 ناھىيە، شەھەرگە كېڭەيتىلىپ، ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۆت سائەتلىك تېز سۈرئەتلىك قاتناش تورى بەرپا قىلىنىپ، ئەتىگەندە يولغا چىقىپ چۈشكىچە يېتىپ بېرىش رېئاللىققا ئايلاندى.

كۈنسېرى قولايلىشىۋاتقان قاتناش بىپايان شىنجاڭنى «كىچىكلىتىپ»، ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى، ئىنتايىن يىراق جايلارمۇ يېقىن بىلىنىدىغان بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇب قۇرۇقلۇق يولىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يول ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. شىمالىي يول: G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قومۇلغا تۇتاشتى، شىنجاڭدىن بېيجىڭغا قاتناش مۇساپىسى 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق قىسقاردى؛ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىدىغان شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم ھالقىسى − ئالتاي - كۆكتوقاي - شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلدى. ئوتتۇرا يول: G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى بۆلىكىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، يول يۈرۈش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاندى، ئۈرۈمچىدىن لەنجوۋغا بارىدىغان ۋاقىت 12 سائەتتىن ئاشمايدىغان بولدى. جەنۇبىي يول: چاقىلىق - نىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ؛ گولمۇد - كورلا تۆمۈريولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى بۇ يىل پۈتكۈزۈلۈپ قاتناش باشلىنىدۇ، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولىدا ھازىر جىددىي رېلىس ياتقۇزۇلۇۋاتىدۇ.

قۇرۇقلۇق يولى قاتنىشى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلۇشىدىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت يارىتىلماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا پۇقرالار ئايرودۇرۇمى 21 گە كۆپەيتىلدى، 17 دۆلەتكە، 25 خەلقئارا (رايون) شەھەرگە، دۆلەت ئىچىدىكى 88 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنايدىغان بولدى.

قاراش يېڭىلاندى، نەزەر دائىرە كېڭەيدى

ياش خۇاڭ جيې ھازىر ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدا ئوق پويىزغا ئولتۇرۇپ بېرىپ - كېلىشكە ئادەتلىنىپ قالدى، لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى جايدىكى ئوق پويىزنىڭ يۈرۈش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا 50 نەچچە مىنۇتقا قىسقاردى، ئوق پويىزنىڭ قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئاممىۋى قاتناشلاشتۇرۇلغان قاتناش شەكىللەندى، ئىككى جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.

«تۇرپانغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى، 2017 - يىلى، مەن ئىدىقۇت رايونىدا بىر ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى دۇكىنى ئاچتىم، تىجارىتىم يامان ئەمەس» دېدى خۇاڭ جيې.

خۇددى پەسىل قۇشلىرىغا ئوخشاش، خۇاڭ جيې ھەر ھەپتىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇپ، ئىككىنچى كۈنى يەنە تۇرپانغا قايتىپ كېتىدۇ، تېز سۈرئەتلىك ئوق پويىز ئىككى جاينى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتە بولۇپ قالدى.

قولايلىق قاتناش كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئاممىغا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.

بۇ ئىككى كۈندە، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ چاغانتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى كۆل كەنتىدىكى پەن جيەنلېنىڭ مېۋىلىك بېغى مېۋە ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى، ھەر كۈنى كىشىلەر ئالما، توغاچ شاپتۇل زاكاز قىلىدۇ، نۇرغۇن خېرىدار ئاپتوموبىل ھەيدەپ باغقا كېلىپ مېۋە ئۈزىدۇ. «200 نەچچە تۈپ مېۋىلىك دەرەخنىڭ مەھسۇلاتى ئۈچ - تۆت توننا بولۇپ، 40 - 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ» دېدى ئۇ.

يېزىغا تۇتىشىدىغان كەنتلەرگە بارىدىغان يوللارغا تايىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى دېھقانلارنى ئالما، توغاچ شاپتۇل قاتارلىق خاس باغ - ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، خاس كەسىپلەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

كېلەر يىلى، پەن جيەنلې خاس باغ - ئورمان كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشنى ھەمدە يېڭى باغ - ئورمان سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىدى.

قاتناشنىڭ قولايلىشىشى چەت، ياقا يېزا - كەنتلەرگە ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئۇچۇر ئېقىمىغا تۈرتكە بولدى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قارىشىنى ئۆزگەرتىشى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

«ئاپتوموبىل ھەيدەپ ناھىيە بازىرى ۋە قەشقەر شەھىرىگە ناھايىتى تېزلا يېتىپ بارىمىز، بەزىدە تېخى پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمىز» دېدى قاغىلىق ناھىيەسى تۆگىچى يېزىسى قۇمبا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇمىجىت ھېيت.

دائىم سىرتقا چىقىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق ئابدۇمىجىت تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئوي - پىكىرلەرگە ئىگە بولدى، ئۇ ناھىيە بازىرىدا رېمونتخانا، سۈرەتخانا ئاچتى، يەنە كەنتتە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇلازىمەت پونكىتىنى ئاچماقچى بولۇۋاتىدۇ.

«مەن يەنە ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ ئۆگىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى پونكىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمەن» دېدى ئابدۇمىجىت.

قاتناش جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر، سەپەرگە چىقىشنىڭ قولايلىقلىشىشى دەۋر تەرەققىياتىدىن دېرەك بەردى، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشتىن دېرەك بەردى. قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، شىنجاڭنى «تورنىڭ ئاخىرقى ئۇچى»دىن «تۈگۈن مەركىزى»گە ئايلاندۇرغاندا، ھەر مىللەت ئامما مۇقەررەر ھالدا «تەرەپ - تەرەپلەر تۇتىشىش، ئەشيا ئوبوروتى راۋانلىشىش» جەريانىدا تېخىمۇ گۈزەل زامانىۋى تۇرمۇشنى ھېس قىلالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى