شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، سانجى شەھىرى ئېرليۇگۇڭ بازىرى خۇڭشىڭ كەنتىدىكى لازا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى لازىلارنى يېيىپ قۇرۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولدى. سانجى شەھىرى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. (لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى)
9-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى ئۇزۇن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ياڭاقلارنى ئۈزمەكتە. بۇ يىل كۇچا شەھىرىدە 295 مىڭ مو يەردىكى ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. (ۋۇ لې فوتوسى)