تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش»تىن «راھەت ئولتۇرۇش»قىچە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

قوشاملىق ئۆي، سوقما تاملىق ئۆيدىن كېسەك ئۆي، خىش - كاھىشلىق ئۆيلەرگىچە، يەنە بىنا ئۆي، لىفىتلىك ئېگىز بىنالارغىچە... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىدە، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش - تۇرۇشتىكى كۆپلىگەن ئۆزگىرىشلەر ئىچىدە، تۇرالغۇدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ بىۋاسىتە، شۇنداقلا كىشىلەردە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

«ئەلنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.» نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش» ئارزۇسى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋىنى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا رېئاللىققا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ دەل بۇنىڭ ئەڭ ياخشى پاكىتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز «تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش» نىشانى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، نەچچە مىليون ھەر مىللەت ئامما خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر ۋە كەپىلىك مەھەللىلەر بىلەن خوشلىشىپ، بارغانسېرى ئازادە، راھەت ئۆيلەردە تۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، شەھەر رايونىنىڭ شەھەر رايونىغا خاس ھاياتىي كۈچى بار، يېزا - كەنتلەرنىڭ يېزا - كەنتلەرگە خاس ئۆزگىچىلىكى بار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە سۈپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، «ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش»تىن «راھەت ئولتۇرۇش»قىچە بولغان ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«كەپىدىن بىناغا كۆچۈپ» راھەت ئولتۇردى

كەچقۇرۇن، خوتەن شەھىرىنىڭ كونا كوچا رايونى تۇەنچېڭ كەپتەر كوچىسىدا، بالىلار مەھەللىدە ئويناۋاتاتتى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكانلىرىدىن تېخىچە تاڭ - تۇڭ ئاۋازلار چىقىپ تۇراتتى، يېشى 50تىن ئاشقان ئابدۇروزى مەمەت كوچا ئېغىزىدا ئولتۇرۇپ دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ، چىرايىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇراتتى.

ئابدۇروزىنىڭ تۇەنچېڭدا تۇرۇۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغان بولۇپ، تۇەنچېڭدىكى تۇرالغۇ ئۆزگىرىشىنىڭ گۇۋاھچىسى. ئۇنىڭ تەسىراتىدا، ئىلگىرىكى تۇەنچېڭ كەپتەر كوچىسىدا ئىمارەتلەر ۋەيرانە، كوچىلار مەينەت، قالايمىقان ئىدى، تار، ئۇزۇن كوچىدا يەنە ئۇزاق يىللاردىن بۇيان رېمونتسىز قالغان نۇرغۇن خەتەرلىك، كونا ئۆيلەر بار بولۇپ، ھەممىلا يەردە كونا، يېڭى ئۆيلەرنىڭ بوشلۇقتا گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى.

تۇەنچېڭدىكى ئاممىنىڭ گۈزەل يېڭى تۇرمۇشىنى يەنىلا ئۇلارنىڭ خەتەرلىك كونا ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. 2016 - يىلى، تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش باشلاندى، ئۆزگىچە تۇرالغۇلار پاكار، كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئىلگىرىكى «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» كەپتەر كوچىسى شەھەرنىڭ يېڭى نام كارتىسىغا ئايلاندى، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ، ئۆزگىچە دۇكان، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دۇكىنى بۇ يەرگە تېخىمۇ ھۆسن قوشقانىدى. نۆۋەتتە، خوتەن شەھىرىنىڭ كەپتەر كوچىسىنى ئاساس قىلغان تۇەنچېڭنى ئۆزگەرتىش تۈرى يەنىلا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، «بىر كوچىغا بىر پىلان بولۇش، بىر ئائىلىگە بىر لايىھە بولۇش»تىن ئىبارەت ئۆزگەرتىش ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ھەربىر كوچا، ھەربىر ئائىلە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى.

«كونا ئۆيگە ئەمدى قايتقۇم يوق.» بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن بازىرىنىڭ ئاھالىسى جياڭ يوۋلى بۇلتۇر 10 - ئايدا كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئون يىلدىن بۇيان ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان «كونا، كىچىك» ئۆي ئىككى ھۇجرىسى، بىر مېھمانخانىسى بار 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە ئۆزگەردى، جياڭ يوۋلى بۇنىڭدىن رازى بولدى، ئۇنىڭ خۇشاللىقى چېھرىدىكى تەبەسسۇمىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

جياڭ يوۋلى ئائىلىسى تۇرالغۇسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان شەھەر - بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىن كەلگەن. بۇ قۇرۇلۇش كەپىلىك مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ۋە ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردا جەمئىي 1 مىليون 715 مىڭ 300 يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن مەبلەغ توپلاپ سالغان ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى 440 مىڭ 700 يۈرۈش(بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 306 مىڭ يۈرۈش)، كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ئۆي 1 مىليون 274 مىڭ 600 يۈرۈش(بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 383 مىڭ يۈرۈش) بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى تۇرالغۇ كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، تۇرالغۇ كاپالىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شەھەر - بازارلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئوتتۇراھالدىن تۆۋەنرەك كىرىملىك تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسى تەرتىپلىك ھەل قىلىندى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئۆيى يوق ئىشچى - خىزمەتچىلەر، شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر قاتارلىق يېڭى شەھەر ئاھالىسى توپىنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتى پۇختا قەدەمدە كېڭەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى جەمئىي 4 مىليون 580 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %48ىنى ئىگىلىدى.

يېزا ئاھالىلىرى خاتىرجەم ئولتۇرالايدىغان بولدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتقاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار توپقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى تۇرالغۇسى ئەڭ خەتەرلىك، ئىقتىساد جەھەتتىن ئەڭ نامرات دېھقان ئائىلىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» بويىچە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇش خىزمەت نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاساسىي تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى گەزلىك كەنتىدىكى نامرات ئاھالە مەريەم جېلىل ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە ئىدى.

بۇلتۇر 6 - ئايدا، مەريەم قاراڭغۇ، كونا ئۆي بىلەن خوشلىشىپ، كۆپ پۇل خەجلىمەيلا ئىللىق، ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق ئۆيگە چىنە خىش ياتقۇزۇلغان بولۇپ، ئاليۇمىن قېتىشمىلىق دېرىزە رامكىسى ئورنىتىلغاچقا، ئۆي ھىم ۋە ئىللىق ئىدى، ئىشىك - دېرىزە يېپىلسىلا قۇم - بوران، يامغۇر سۈيىدىن قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق.

«ئۆي بۇنداق ياخشى سېلىنغانىكەن، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك.» مەريەمنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، ئۇ يېڭى ئۆينى بېزىگەندە چىرايلىق، كۆڭۈلدىكىدەك نەقىشلىك ئاسما تورۇس سېتىۋېلىپ ئۆيىنى بېزەش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى بېزەك دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايلىنىپ چىققانىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى 8000دىن ئارتۇق كەنتتە بىخەتەر، ئىشەنچلىك، قىياپىتى يېپيېڭى، ئىقتىدارى تولۇق، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. «ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش»تىن «راھەت ئولتۇرۇش»قىچە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرى بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كەتتى.

يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆي سېلىش كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، دېھقانلارنى «دېھقانلار ئۆزى سېلىش، ئادەم كۈچى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، كارخانا ياردەم بېرىش - يۆلەش» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىلھاملاندۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆي سېلىش ئىقتىدارى بار قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ «پۇل چىقارماي، ئاز پۇل چىقىرىپ» يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشى، ئۆي سېلىش ئىقتىدارى يوق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ «بوغچىسىنى كۆتۈرۈپلا» يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش ئىقتىسادىي يۈكىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىز 675 مىڭ 600 ئائىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايوندىكى 584 مىڭ 900 ئائىلە بار. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەنلەر خاتىرجەم ياشىدى

كۆل سۈيى ئىچىش، شېغىل يولدا مېڭىش، گەرچە ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون نەچچە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرۇلدا قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىزىقىنىڭ سىرتىدا قالغانىدى. نۇرۇلدا ئەسلىدە لوپ ناھىيەسى بۇيا يېزىسى تامئېرىق كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، بۇ، تەبىئەتكە تايىنىپ جان باقىدىغان ئېغىر نامرات كەنت بولۇپ، يېرى ئۈنۈمسىز بولغاچقا، كەڭ كۆلەمدە تېرىلسىمۇ، ئاز ھوسۇل ئېلىناتتى.

بۇلتۇر 8 - ئايدا، ھۆكۈمەت ياردەم تولۇقلىمىسى بەردى، كەنتتىكى ئون نەچچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە لوپ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى − بەشتوغراق يېزىسىنىڭ چاۋياڭ كەنتىگە كوللېكتىپ كۆچۈپ كەلدى. يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن شۇ كۈنى، نۇرۇلدا كەنت كادىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىققىنىچە، توختىماي رەھمەت ئېيتتى. 80 كىۋادرات مېتىرلىق بۇ ئۆيگە ھېچقانچە پۇل خەجلىمەيلا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئون نەچچە يىلدىن بېرى ئولتۇرۇپ كەلگەن كېسەك ئۆي بىلەن بىر كۈندىلا خوشلاشقانىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى 3 مىليون 287 مىڭ 218 ئائىلىگە بىخەتەر تۇرالغۇ ھەل قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 40 مىڭ 149 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، 170 مىڭغا يېقىن كىشى خۇشال - خۇرام ھالدا يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.

نۇرۇلداغا ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يەنە نۇرغۇن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىدا، كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كۆپەيدى، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمى ئاشتى.

چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاۋېي چۆللۈكىدىكى ئاقدالا بازىرىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، قاتار - قاتار بىنالار كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، 10 مىڭ مولۇق مۇنبەت ئېتىزدىكى يېشىللىق كۆزنى قاماشتۇراتتى. چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بىرنەچچە كارخانا نەچچە يىل ئۆتمەيلا كەنتتە زاۋۇت ئۆيلىرىنى سالدى. ئارقىدىنلا، كەنتكە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، ھەممە ئائىلە سۇ ئىسسىتقۇچ ئىشلىتىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، زاۋۇتلارغا كىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۈگۈنكى كۈندە ھېسابات قىلغاندا، ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇشتىن خاتىرجەم ياشاشنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئاھالە ئارىس ئالتايقان چەكسىز مىننەتدار ئىدى. 2016 - يىلى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئارىسقا ئىككى ھۇجرىسى، بىر مېھمانخانىسى بار بىر يۈرۈش ئۆي تەقسىم قىلىندى، ئۇ يەنە ئەمگەك ۋاسىتىچىسى بولدى. ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئالدىراش ۋاقتى، ئىشلەمچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا تەشكىللەيدۇ، بۈگۈنكى تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

يېڭى ئۆيلەردە ئولتۇرۇش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ