تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇقىم بەختكە تىرەك بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا

«7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەن بۇ يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇپ بولدۇم، 3000 يۈەنلىك دەرىجىنى تاللىدىم. ياشانغاندىن كېيىن كۈتۈنۈش پۇلى كاپالىتىم بار بولىدۇ، غەم قىلمايدىغان بولدۇم. خالىغان يەرلەرنى سەيلە قىلىپ ئايلىنىپ، ھاللىق تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايمەن» دېدى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ساۋەن ناھىيەسىنىڭ داچۈەن يېزىسى ياڭجياجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى شېن گوشيۇ مۇخبىرغا.

ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، خەلق ئاممىسىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشتىكى ئاساسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور، قاپلىغان كىشىلەر توپى ئەڭ كۆپ بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورناتتى.

ياڭجياجۇاڭ كەنتىدە 700دىن كۆپرەك كىشى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، 60 ياشتىن ئاشقان 200دىن ئارتۇق ياشانغان كىشى ئايمۇئاي كۈتۈنۈش پۇلى ئالدى. شېن گوشيۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «ئىلگىرى ياشانغاندىكى تۇرمۇشۇمغا نىسبەتەن كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى، پەرزەنتلىرىمگە تايىنىشىمغا توغرا كېلەتتى، ھازىر ھەر ئايدا پۇل ئالالايمەن، كۆڭلۈم توق تۇرىدىغان بولدى، كۈنلىرىم بارغانسېرى گۈزەل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ».

«كەچكى شەپەق يورۇتار ئۈجمە - قارىياغاچزارلىقنى، ئۆت قەدىرلەپ ھاياتتا بۇ ئاخىرقى ئۆمرۈڭنى.» ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، تۇرمۇشىنى بەختلىك ئۆتكۈزۈشى، ساغلام ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. 1986 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن تارتىپ، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشقىچە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، شەھەر - بازارلاردىن يېزىلارغىچە، كەسپىي كىشىلەر توپىدىن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىغىچە ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىندى، تەرەققىي قىلدۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى، بولۇپمۇ 2014 - يىلىدىن باشلاپ بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا مۇقىم تىرەك بولدى.

زىچ تور توقۇش: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەھەر - يېزىلارنى قاپلىدى

«ئىلگىرى خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭلا كۈتۈنۈش پۇلى بار ئىدى، بىز دېھقانلار بۇنىڭغا ھەۋەس قىلاتتۇق. ھازىر بىزنىڭمۇ بار بولدى، بۇنى ھەقىقەتەن چۈشىمىزدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدۇق.» ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى خېشېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما شيۇخۇا بۇ يىل 63 ياشقا، ئېرى 66 ياشقا كىردى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەرئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدۇ. «ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلىمىز ۋاقتىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىمىزغا كىرىپ تۇرىدۇ، كۆڭلىمىزمۇ توق تۇرىدىغان بولدى، شۇنداقلا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈكىمۇ يېنىكلىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى ما شيۇخۇا.

2009 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدە نۆلنى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىرى. دېھقانلارمۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايدىغان بولدى، بۇ، ما شيۇخۇا ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى تولىمۇ خۇشال قىلدى، ئۇلار ھەر يىلى 500 يۈەنلىك ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللاپ، 60 ياشقىچە تاپشۇردى.

2018 - يىلى 1 - ئايدا، 60 ياشقا توشقان ما شيۇخۇا ئۆز قەرەلىدە كۈتۈنۈش پۇلىنى ئالدى. «جەمئىي سەككىز يىل تاپشۇردۇم، ھەممىسى بولۇپ 4000 يۈەن تاپشۇردۇم. ھازىر بىر يىلدا تارقىتىلغان پۇل ئىلگىرى تاپشۇرغان بارلىق پۇلىمىزدىنمۇ كۆپ.» ما شيۇخۇا بارمىقىنى پۈكۈپ ھېسابلاپ مۇنداق دېدى: «ئاڭلىشىمچە، كۈتۈنۈش پۇلى كېيىن يەنە ئۆسىدىكەن، ياشانغاندىكى تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بوپتۇ».

2010 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىز 300 مىڭ «ۋۇچىگۇڭ ئىشچىلىرى» «ئائىلە تەۋەلىرى ئىشچىسى»نى شەھەر - بازار كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى تەلتۆكۈس ھەل قىلدى؛ 2011 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى... ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل كېڭىيىپ، نەپكە ئېرىشىدىغان كىشىلەر توپى بارغانسېرى كېڭەيدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، 2014 - يىلى، ئاپتونوم رايون يېزا يېڭىچە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تۈزۈمنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، بىرلىككە كەلگەن شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، شەھەر - يېزا توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوڭ بىر قەدەم تاشلىدى.

ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنى بىرتۇتاش كىرىم قىلىش، بىرتۇتاش چىقىم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش... «ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى سۈن جەنشۆ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020 - يىلى 6 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىدىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 5 مىليون 773 مىڭ 900 كىشىگە، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىدىن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ سانى 7 مىليون 187 مىڭ كىشىگە يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

تەمىناتنى ئۆستۈرۈش: كۈتۈنۈش پۇلى يىلدىن - يىلغا ئۆستى

«بۇ يىل مېنىڭ كۈتۈنۈش پۇلۇم ئېيىغا 200 يۈەندىن كۆپرەك ئۆستى، كۈتۈنۈشۈم كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۈنلىرىم خاتىرجەم ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىم پېڭ يۈليەن خۇشال ھالدا.

2010 - يىلى پېڭ يۈليەن پېنسىيەگە چىققاندا، ھەر ئايدا 1500 يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى ئالاتتى. ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ھەر ئايدا ئالىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. «ھازىر قول ئىلكىمىزدە بار بولدى، يەيدىغاندىن، ئىشلىتىدىغاندىن، كىيىدىغاندىن غەم قىلمايمىز، نېمىنى سېتىۋالغۇمىز كەلسە شۇنى سېتىۋالالايمىز» دېدى پېڭ يۈليەن خۇشال ھالدا.

پېڭ يۈليەننىڭ ئىشەنچى كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ يىلدىن - يىلغا ئۆسۈشىدەك ياخشى سىياسەتتىن كەلگەن. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ ئۆستۈردى، 1 مىليون 477 مىڭ پېنسىيەگە چىققان خادىم نەپكە ئېرىشتى. بۇ، 2005 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا 16 - يىلى تەڭشەپ ئۆستۈرۈشى، شۇنداقلا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۇدا بەشىنچى يىلى بىرتۇتاش لايىھە بويىچە تەڭشەپ ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ.

«كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈشتە <كۆپ تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش، ئۇزاق تاپشۇرغانلار كۆپ ئېلىش> پىرىنسىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، كۈتۈنۈش پۇلى ۋە خىزمەت ئىستاژى بىلەن باغلاپ تەڭشەلگەن ئۆلچەمنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچى خادىملار ئۇزاق مۇددەت ھەق تاپشۇرۇش، كۆپ ھەق تاپشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.» سۈن جەنشۆ مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز تۈزۈم ئادىللىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىغا مايىللاشتى، كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملار، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىدىكىلەرنىڭكىنى تەڭشەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ھەرقايسى ۋەزىپە، دەرىجە تەمىنات پەرقىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھەرقايسى كەسىپلەردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى بىرقەدەر ياخشى گەۋدىلەندۈردى.

شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 2018 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.

تۆۋەن بولۇشتىن ئۆسۈپ، كۈتۈنۈش پۇلى تەمىنات سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى خاتىرجەم بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى ۋاڭ فۇلىڭ 1995 - يىلى پېنسىيەگە چىققاندا، بىر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى ئاران 200 يۈەندىن ئاشاتتى، ھازىر 3400 يۈەنگە ئۆسۈپ، ئەسلىدىكىسىنىڭ ئون نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. بۇ يىل نەۋرە قىزى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندە، ئۇ نەچچە مىڭ يۈەنلىك چوڭ قىزىل بولاق بەردى. بەزىدە ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىدۇ، «بېيجىڭ، جياڭسۇلارغا باردىم، ياش ۋاقتىمدا ۋاقتىم يوق ھەم پۇلۇممۇ يوق ئىدى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن پۇلۇم بار، ۋاقتىم بار بولدى، نەگە بارغۇم كەلسە شۇ يەرگە بارالايمەن».

چەككە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش: نامرات نوپۇسنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيە ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ھاللىق سەۋىيە؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا، بىرمۇ نامرات ئاممىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مارياڭ يېزىسى پىل كەنتى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنت. بۇ يىل 5 - ئايدا، كەنت ئاھالىسى نەزەر بايىكنىڭ خوتۇنى 60 ياشقا كىردى، كەنت كادىرى ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىڭىزغا ھەر ئايدا 155 يۈەن كۈتۈنۈش پۇلى كىرىدۇ، دېدى.

2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەرنى شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ئەمەلىيلەشتۈردى. بىر تەرەپتىن، 16 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەرگە قارىتا، ھۆكۈمەت كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، 60 ياشقا توشقان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات كىشىلەرگە قارىتا ئىلگىرى ھەق تاپشۇرۇشقا پۇلى بولمىسا ياكى ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى 15 يىلغا توشمىغان بولسا، تولۇقلاپ تاپشۇرمىسىمۇ بولىدىغان قىلدى، ئۇلارنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بىۋاسىتە بەھرىمەن قىلىپ، ئايمۇئاي كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىپ بەردى.

«بۇ خەۋەرنى يېڭى ئاڭلىغان چېغىمىزدا، ئىككىلىمىز ئىشەنمىدۇق، بۇ ئاسماندىن پوشكال ياغقانلىققۇ!» نەزەرنىڭ ئېيتىشىچە: ئىلگىرى نامرات بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغۇدەك ئىقتىدارى يوق ئىكەن، يەنە ھەمىشە كۈتۈنۈشتىن غەم قىلاتتىكەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىپتۇ.

نەزەر مۇنداق دېدى: بۇ يىل 7 - ئايدا مەن 60 ياشقا كىردىم، خوتۇنۇم بىلەن ئوخشاشلا ھەر ئايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئالىمەن، ئىككىمىزنىڭكىنى قوشقاندا، بىر يىلدا 3700 يۈەندىن ئاشىدۇ. قولىمىزدا جان ساقلايدىغان پۇل بار بولدى، ئاساسىي تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«ئاپتونوم رايونىمىز نامرات كىشىلەرنىڭ شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، 60 ياشتىن ئاشقان نامرات كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى تارقىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تارقاتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فەن ئەييىن مۇنداق دېدى: «بىز نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار بىلەن سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، نامرات نوپۇسنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ بارلىق نامرات رايونلار ۋە نامرات ئاممىنى قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدۇق».

ئاپتونوم رايونىمىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى مەركەزلىك ئېتىراپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ياساش، كارتا تولۇقلاپ بېرىش، ئالماشتۇرۇشتا يېزىدىن چىقماسلىق، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىشنى ئاپتونوم رايون بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىپ، بۇ يىل يىل ئاخىرىدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى تارقىتىپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ... خەلققە قولايلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

چەككە كاپالەتلىك قىلىندى، تور زىچ توقۇلدى، مېخانىزم ئورنىتىلدى، توقۇلغانسېرى پۇختىلانغان ئىجتىمائىي كاپالەت تورى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىم بەختىگە تىرەك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى