شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا
«20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، مەكتەپتە پەقەت بەش ئېغىز كېسەكتە سېلىنغان سىنىپ بار ئىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈستەل - ئورۇندۇقلىرى تاختاي بىلەن ياسالغان بولۇپ، تامغا سېمونت سۈركىسىلا دوسكا بولاتتى...» 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دەسلەپكى خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، بورتالا شەھىرى شياۋ يىڭپەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خو گۇاڭنيەن چوڭقۇر ئويغا پاتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، شياۋ يىڭپەن بازارلىق مەركىزىي مەكتەپكە كىرسە، قاتار - قاتار يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىنالىرى قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، كىچىك بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ نەزەرىدە «يەر بەلگىسى»گە ئايلانغانىدى. مەكتەپتە كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانا، مۇزىكا ئۆيى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسى شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايتتى.
بۇ، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسم چېگرا رايونىنىڭ كىچىك بازىرىدىكى مەكتەپتە بولغان ئۆزگىرىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئىزنالىرىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش زور دولقۇنىدا، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ھاللىق جەمئىيەتنىڭ بىر قاتار كۆرسەتكۈچلىرىدە، مائارىپ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەش، ئەقلىي مەدەت بېرىش بىلەن تۇتاشقان، بىر ئۇچى ھەربىر بالىنىڭ تەقدىرىگە، ھەربىر ئائىلىنىڭ كەلگۈسىگە تۇتاشقان.
2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مائارىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇش، مەكتەپتە تۇرمۇش كەچۈرۈش، مەكتەپتە ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك».
ئاپتونوم رايونىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە تولۇق كاپالەتلەندۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتىنىڭ يىللىق سېلىنمىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، سېلىنما نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى.
يەسلىلەر يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك بارلىققا كەلدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان مەكتەپلەر كەينى - كەينىدىن قەد كۆتۈردى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى باھار يامغۇرىغا ئوخشاش ئۈمىد بىخلىرىنى سۇغىرىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئاساسىنى پۇختىلىماقتا. ئازادە، بىخەتەر مەكتەپ ئاتا - ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ قەلبىدىكى «ئەڭ يارقىن مەنزىرە»گە ئايلاندى.
ئەلا سۈپەتلىك يەسلىلەر ئىشىك ئالدىدىلا سېلىندى
«دۆلەت بايرىقى، دۆلەت بايرىقى ھەقىقەتەن گۈزەل، چولپان يۇلتۇز، چولپان يۇلتۇز كەڭ زېمىننى يورۇتتى...»
بالىلار ناخشىسى ئېيتىش، قەدىمىي شېئىرلارنى يادلاش، خەت تونۇش... بۇ بىرنەچچە كۈندە، بەش ياشلىق زۇلھايا ئەكبەر ئاتا - ئانىسىغا پۇتۇڭخۇا ئۆگىتىدىغان كىچىك ئوقۇتقۇچى بولدى.
بالىسىنىڭ پۇتۇڭخۇانى بارغانسېرى ياخشى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئانىسى گۈزەلنۇر ئابدىرېھىمنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلەندى: «بالام يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئىش ئۇقىدىغان، تېخىمۇ ئەدەپلىك بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بىر كۈن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سۆزلەيدىغان بولدى».
بالا بىر ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، يەسلى مائارىپى «كەلگۈسى قۇرۇلۇشى». 2017 - يىلى 9 - ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، ئۈسكۈنىلىرى تولۇق يېڭى سېلىنغان ۋە ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ سېلىنغان يېزا يەسلىسىدىن 4408ى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ، زۇلھايانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزىلاردىكى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى يېشىدىكى 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالىنىڭ «ئىشىكى ئالدىدا ھەقسىز يەسلىگە كىرىش»ى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
«بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، شەھەردىكى يەسلىلەردە بار نەرسىلەر بىزدىمۇ بار.» بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولۇۋاتقان گۈزەلنۇر مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ ئىللىق نۇرىنى ھېس قىلىپ، قەيەرگە بارسا شۇ يەردە مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى.
بالىسى يەسلىگە كىرمىگەن چاغدا، گۈزەلنۇر پۈتۈن زېھنىنى بالىسىنى بېقىش، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا قاراتقانىدى، بىر ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن ئېرى كىراكەشلىك قىلاتتى. بالىسى يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، گۈزەلنۇرنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ۋاقتى چىقتى. بۇلتۇر، ئۇ كەنت يەسلىسىدە تەربىيەچىلىك ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىندى، ھەر ئايدا 1800 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.
قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى رەيھانگۈل ئىمىر يېزا مائارىپىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئۆزگىرىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ، مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەممە كەنتتە يەسلى بار، شارائىتى بەك ياخشى، بالىلارنىڭ بەختلىك قىياپىتىگە قاراپ، كەنتتىكىلەر ئۈمىدكە تولدى!»
يەسلى مائارىپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ «يەسلىگە كىرىشى تەس بولۇش، يەسلىگە كىرىشى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى پەسەيتتى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 3955 يەسلى بار بولۇپ، يەسلىدىكى بالا 752 مىڭ 200، يەسلى مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %72.42 بولغان؛ 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي 7725 يەسلى بار بولۇپ، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىدىكى يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %97.51كە يېتىپ، يەسلى مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە نەپ يەتكۈزدى
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە كېرىيە ناھىيەسى دەريا بويى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، تېرەك، ئەرمودۇن قاتارلىق دەل - دەرەخلەر كۈن نۇرىغا چۆمۈلۈپ، مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
«مەكتەپ چوڭ گۈلزارلىققا ئوخشايدۇ، پاكىز، چىرايلىق بولۇپ، بىز گۈزەل سەنئەت دەرسخانىسىدا لاي ھەيكەل ياساش، قەغەز قىيىش دەرسلىرىنى ئوقۇيمىز، مۇزىكا ئۆيىدە چالغۇ چېلىشنى ئۆگىنىمىز، بەك قىزىقارلىق!» دېدى دەريا بويى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى بەختىگۈل قۇربان يېڭى مەكتىپىنى تىلغا ئېلىپ خۇشال ھالدا.
بۇلتۇر 9 - ئايدا، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا يېڭى سېلىنغان بۇ مەكتەپ رەسمىي پۈتتى. يېپيېڭى، يورۇق دەرسخانا، پاكىز، رەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ياتىقى ۋە مۇكەممەل ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.
دەريا بويى يېزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئېغىر نامرات رايونغا جايلاشقان. ئۇزاقتىن بۇيان، تەبىئىي مۇھىت ناچار، بېكىنمە، مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى قالاق بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىدى.
مەكتەپ يېڭى تۈسكە كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئىچ - ئىچىدىن خۇشال بولدى. دەريا بويى يېزىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر كارتىنىغا ئايلاندى.
2013 - يىلى 12 - ئايدا، دۆلەت نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش خىزمىتىنى باشلىدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ باراۋەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مەكتەپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنىڭ تەكشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇشنى جىددىي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلار، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ناھىيەلەرنىڭ ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىشىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىپ، ئەڭ نامرات رايونلاردا ئالدى بىلەن ياخشىلىدى، بالدۇر مەنپەئەتلەندۈردى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 26 مىليارد 300 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىپ، 9 مىليون 130 مىڭ كىۋادرات مېتىر مەكتەپ بىناسىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە يېرىمدىن ئارتۇق مەبلەغنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا ئىشلەتتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەردە D دەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەرنى تۈگىتىش، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇشقا بولىدىغان دەرسخانا بولۇش قاتارلىق 20 تۈرلۈك ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزدى.
2013 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە مەكتەپ ياتىقى كۆلىمى 7.34 كىۋادرات مېتىردىن 2019 - يىلىدىكى 11.07 كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلدى، ئوقۇغۇچىلارغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئوقۇتۇش ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرنىڭ قىممىتى 1116 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 2448 يۈەنگە كۆپەيتىلدى. يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئۈنۈملۈك ياخشىلىنىپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات پەرقى كىچىكلىتىلدى.
«توك ئۇلاندى، تور بار بولدى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ياخشىلاندى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۆپەيدى، يەنە شەھەردىن كەلگەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار. بىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قۇملۇقنىڭ چېتىدە ياشاپ كەلدۇق، چۈشۈمدىمۇ بالىلارنىڭ كۆپرەك مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە قۇملۇقتىن چىقىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دەريا بويى يېزىسىدىكى دېھقان ھەجەرخان مەتيۈسۈپ چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى، «ھازىر، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، يەنە مۇشۇنداق ياخشى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار بار، بالىلىرىمىز چوقۇم تېخىمۇ ياراملىق بولۇپ، كۈنلىرىمىز چوقۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ».
ئۇچۇر تېخنىكىسى مائارىپنى تېخىمۇ باراۋەرلەشتۈردى
«مەيلى شېئىر ياكى مەناسى بولسۇن، ھەممىسى بىزنىڭ ئەتراپلىق ھۇزۇرلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىز يەنە <تيەنمېن تېغىغا نەزەر> دېگەن شېئىرنى كۆرۈپ باقايلى، ئۇنىڭدا قانداق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر قوللىنىلغان؟ ساۋاقداشلار تېز سۈرئەتتە ئىزدەپ بېقىڭلار.» 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، شايار ناھىيەلىك 3 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شىن <دىڭدىڭ> ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن توردا كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىككە قەدىمكى شېئىرلاردىن ھۇزۇرلىنىش، تەھلىل قىلىشنى ئۆگەتتى.
«توردا ئوقۇتۇش بىزنى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتۇش بايلىقىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى، ئىپادىلەش شەكلىنى بېيىتتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىۋالدى» دېدى چېن شىن.
دەرۋەقە، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوللىنىلىشى تور ئوقۇتۇشى قاتارلىق زامانىۋى شەكىللەرنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئومۇملاشتۇردى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى مەكتەپلەردىمۇ شۇنداق. تور ئوقۇتۇشى بوشلۇقنىڭ توسالغۇسىنى يېڭىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چەت - ياقا جايلارنىمۇ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ باراۋەر، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپقا ئىگە قىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ لۈگۇ مەكتەپ رايونىدىكى ھەربىر دەرسخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا بىردىن ئېلېكتىرونلۇق سىنىپ تاختىسى بار. ھەربىر سىنىپ تاختىسى بىر ئۇچۇر قوبۇل قىلىش تېرمىنالىغا باراۋەر بولۇپ، سىنىپ ئۇچۇرىنى كۆرسەتكەندىن سىرت، ئوقۇغۇچىلار يەنە «چىرايىنى تونۇتۇپ» داكا قىلالايدۇ، مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىمۇ سىنىپ تاختىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇچۇرلاشتۇرۇش بولمىسا زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.» مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بولمىسا، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولمايدۇ.
چىراي تونۇتۇپ مەكتەپكە كىرىش، بىۋاسىتە تارقىتىش دەرسخانىسىدا توردا ئۆگىنىش، كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەيلى شەھەر ياكى يېزىلاردا بولسۇن، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىمەن بولماقتا.
«70 - يىللاردا تۇغۇلغان» «80 - يىللاردا تۇغۇلغان»لارنىڭ تەسىراتىدا دوسكا، بور دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ «بەلگە»سى ئىدى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، دوسكىدىن پىرويېكتورغىچە، يەنە نانو سېزىمچان ئېكرانىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى. «ئالاقە تورى+مائارىپ» ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنى ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، ئۇچۇرلاشقان مائارىپ مەھسۇلاتلىرى تەدرىجىي دەرسخانىغا كىرىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى.
«مەكتەپنى تور تولۇق قاپلىدى، ئوقۇغۇچىلىرىمىز تور بايلىقى سۇپىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش مەزمۇندىكى دەرسنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى شەھەر - يېزا مائارىپ بايلىقىدىكى پەرقنى كىچىكلەتتى، ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش ئوقۇتۇشى ۋە باشقۇرۇش سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.» بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى جاڭ فۇگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈچ يىلدىن بۇيان مەكتىپىمىز 1 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ مەكتەپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، بۇنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتۇق.
تورلاشقان، رەقەملەشكەن، خاسلاشقان ئەقلىي مائارىپ مۇھىتىدا ئۇچۇر تېخنىكىسىنى مائارىپ ئوقۇتۇشى بىلەن يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش نامرات رايونلاردىن كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ داڭلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ جەمئىيەت پايدىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن، ئادىمىيلىككە ئىگە مائارىپ سىستېمىسى شەكىللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ئۈچۈن پۇختا مەدەنىيەت ئاساسى سېلىنماقتا.