تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايون ساياھەت خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ساياھەت خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چۆرىدىلىپ، نۆۋەتتىكى ساياھەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، كۆپ مەنبەلەشكەن ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ پەرقلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ساياھەت تەشۋىقات ماركېتىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» ساياھەت بازىرى ماركېتىڭ پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ ئاساسىي تىرىكىنى پۇختىلاپ، مۇھىم، چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. ساياھەت كەسپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ساياھەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى يېتىلدۈرۈپ، بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار تىرىكى سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ساياھەت ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ