تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز ۋە قىش پەسلىدە خۇڭشۇ يەپ بەرسە، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ھۆسننى گۈزەللەشتۈرىدۇ

    خۇڭشۇنىڭ ئۈچ چوڭ رولى بار

  1. ئۈچەي يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

  نۇرغۇن كىشىلەر خۇڭشۇ ئىستېمال قىلىشنىڭ قەۋزىيەتنى پەسەيتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. خۇڭشۇنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بولۇپ، تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك تالاسىمۇ ئۈچەيدىكى زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى تەرەت ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ؛ يەنە پايدىلىق باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشىنى ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، ئۈچەي يولىنىڭ مىكرو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.

  2. ئاق پوستلۇق خۇڭشۇ ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ، قىزىل پوستلۇق خۇڭشۇ قان تولۇقلايدۇ.

  ئاق پوستلۇق خۇڭشۇ بىلەن قىزىل پوستلۇق خۇڭشۇنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاق پوستلۇق خۇڭشۇ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، تېرىسى يىرىك، قۇرغاق كىشىلەر ئاق پوستلۇق خۇڭشۇ يەپ بەرسە بولىدۇ.

  قىزىل پوستلۇق خۇڭشۇنىڭ بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، قان تولۇقلاش رولى بار، ئۇنىڭ رولىنى چىلان بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ، چىلاندەك ئۇنداق ئاسان ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلمايدۇ. چىرايى تاتىرىپ كەتكەن قىزلار ئۇزۇن مۇددەت قىزىل پوستلۇق خۇڭشۇ يەپ بەرسە، چىراي رەڭگى ياخشىلىنىدۇ.

  خۇڭشۇ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ تال ۋە ئاشقازىنى يۇمران بولغاچقا، خۇڭشۇ يەپ بەرسە بولىدۇ. 

  3. سېرىق، سۆسۈن رەڭلىك خۇڭشۇ تالنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەك مەنپىيلىكىنى كۈچەيتىدۇ.

  دائىم سېرىق رەڭلىك خۇڭشۇ يەپ بەرسە تالنى ئوزۇقلاندۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. سۆسۈن رەڭلىك خۇڭشۇ بۆرەك مەنپىيلىكىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، دائىم بېلى تىلىپ ھارىدىغان، بېشى قېيىپ قۇلىقى غۇڭۇلدايدىغان، ئۇيقۇسى ئاز، ئۇنتۇغاق، ئاغزى قۇرۇپ، گېلى ئاغرىيدىغان ئاغرىقلارغا ماس كېلىدۇ.

  خۇڭشۇنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېمەسلىك كېرەك

  خۇڭشۇنى كۆپ يېسە ئاسانلا قورساق كۆپىدۇ. نۇرغۇن كىشى خۇڭشۇنى تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، كۆپرەك يېسە سالامەتلىككە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمما خۇڭشۇنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەي يولىدا زور مىقداردا گاز پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئاسان قورسىقى كۆپىدىغان، ئىچى سۈرىدىغان، كېكىرىدىغان كىشىلەر خۇڭشۇ يېمەسلىكى كېرەك.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئاچ قورساققا خۇڭشۇ يېسە مەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ. ئاشقازان يارىسى، شەلۋەرەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار خۇڭشۇنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قورساق قىسمى بىئارام بولىدۇ. خۇڭشۇنىڭ قەنت تەركىبىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا مەيدىنى ئېچىشتۇرىدۇ.

  ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، خۇڭشۇ بىلەن شىزى(柿子) بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنىدۇ، نۇرغۇن كىشى ئىككىلىسىنى بىللە يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەگەر خۇڭشۇ ئىستېمال قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە شىزى ئىستېمال قىلىنسا، خۇڭشۇنىڭ قەنت تەركىبى ئاشقازاندا ئېچىتىلىپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىزى تەركىبىدىكى مېۋە يېلىمى خۇڭشۇ بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ ئۇيۇشۇپ، ئاشقازان تېشى ھاسىل قىلىدۇ.

  ئەگەر خۇڭشۇنىڭ سىرتقى پوستىدا رەڭگى ئۆزگەرگەن، قارىداپ قالغان ياكى قوڭۇر رەڭلىك داغلار پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، چىرىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ، خۇڭشۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ