تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ھوشۇر ئېلياس خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسى باي يېزىسىنىڭ كەنجى قوغۇنى ئېتىزىدا، ئىشچىلار ئوراپ قاچىلاپ قويۇلغان قوغۇنلارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.
ھازىر، باي يېزىسىنىڭ 1500 مودىن ئارتۇق يېرىدىكى كەنجى قوغۇن ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرىپ، ئىچكى رايونلاردىكى نۇرغۇن مېۋە سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلدى. باي يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى خىزمەتچى خادىملارنى ئاجرىتىپ، مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى تەشكىللەپ، مېۋە سودىگەرلىرى، قوغۇن ئۈزۈش-يۆتكەش، ترانسپورت ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئىشلارنى ماسلاشتۇردى، ھەمدە سودىگەرلەر، ئۈزۈش-يۆتكەش ئىشچىلىرىنى نۇقتىدىن نۇقتىغا ئاپىرىپ ئەكىلىش، پۈتۈن مۇساپىلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىر، 1500 مودىن ئارتۇق كەنجى قوغۇننىڭ ھەممىسىگە سودىگەرلەر زاكاز بېرىپ بولغان، بىر قىسمى يەشىكلەرگە قاچىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلغان.