تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بوشلۇق مۇداپىئە سېپى»نى مۇستەھكەم ساقلايمەن

خاۋ خۇي:

«بوشلۇق مۇداپىئە سېپى»نى مۇستەھكەم ساقلايمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ

«نۆۋەتتە، ئايرودۇرۇمدا ئومۇميۈزلۈك نورمال تىجارەت ئەسلىگە كېلىپ، يولۇچىلار ئېقىمى ئاشتى. بىزنىڭ خىزمىتىمىز يولۇچىلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشقا ماس كېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يولۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» دېدى 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى شىنجاڭ ئايرۇدۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورت شۆبە شىركىتى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى خاۋ خۇي مۇخبىرغا.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى غەربىي قىسىمدىكى مۇھىم ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۇنجى ئۆتكەل. يۇقۇم ھۇجۇم قىلغاندا، خاۋ خۇي شۇ ھامان تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش «بوشلۇق مۇداپىئە سېپى»نى ياخشى ساقلىدى، مۇستەھكەم ساقلىدى.

بۇ يىلقى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئەسلىدىمۇ دوختۇر - سېسترالار يېتىشمەيدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. خاۋ خۇي بىرىنچى بولۇپ ئىدارىگە جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى تاپشۇردى. ئۇ جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسىدا مۇنداق يازدى: «يۇقۇم ئالدىدا، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە، باشلامچى بولۇش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم؛ جىددىي قۇتقۇزۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم.» ئۇ ھېچ نەرسىگە پىسەنت قىلماي ئۇرۇش سېپىگە، جەڭ مەيدانىغا ئاتلاندى.

ماسكا، كۆز ئاسراش ئەينىكى، مۇداپىئە كىيىمى فورمىغا ئايلاندى. ھەربىر ئايروپىلان ئۇچقاندا، قونغاندا، خاۋ خۇي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تولۇق قوراللىنىپ، ئايروپىلان شوتىسىغا چىقىپ، ئايروپىلان بۆلمىسىگە كىرىپ، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى. يولۇچىلار بۆلمىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئۇچۇرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، تىنجىق ئىسسىق ۋە دىمى سىقىلىش ئۇلارنى قىينايتتى، بىردەمدىلا پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈپ، كۆز ئاسراش ئەينىكىمۇ ھوردىلىپ كېتەتتى. ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندىن كېيىن، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا سوغۇق شامال چىقىدىغان، مۇداپىئە كىيىمى قەغەزدەك نېپىز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىملىرى تەردىن ھۆل بولۇپ كەتكەچكە ئۇلار توڭلاپ تىترەپ كېتەتتى. ھەر كۈنى، خاۋ خۇي ھەمىشە ئەڭ ئاخىرقى نۆۋەتچى ئايروپىلانغىچە بەرداشلىق بەردى. بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاخىرلىشىپ، ئىسمېنا ئالمىشىپ كۆز ئاسراش ئەينىكى ۋە ماسكىسىنى ئېلىۋەتكەندە، يۈزىدە ئۆمۈچۈك تورىغا ئوخشاش قىزىل رەڭلىك ئىزلار قالاتتى، تەر چېچىنى بويلاپ تامچىلاپ چۈشەتتى.

خاۋ خۇي ھەرقانداق بىر خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن نۇقتىسىنى قويۇۋەتمەي، ئايروپىلان گۇرۇپپىسى ۋە يەر يۈزى مۇلازىمەت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلانغا چىققان ئادەم سانىنى قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يولۇچىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇچرىشىش تارىخى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك تارىخىنى تەپسىلىي سوراپ، بىرىنچى ۋاقىتتا ھۆكۈم چىقاردى.

خاۋ خۇي ھەمىشە ئايروپورت خىزمەتچىلىرى، يولۇچىلارغا زېرىكمەي - تېرىكمەي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، نەسىھەت قىلىش ۋە تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر قېتىم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئىلغاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چۈشەنمىگەن، ئاغرىنغان، ماسلاشمىغان يولۇچىلارغا يولۇققاندا، ئۇ دائىم سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەلىپى ۋە بىلىملىرىنى ۋاقتىدا ئۆگىنىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى خۇلاسىلەپ، ئايروپورتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ قايتا - قايتا ئىزدىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان خادىملارنىڭ تۈرگە ئايرىلغان ئۇچۇرىنى توپلاش خىزمەت چارىسى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، تىزىملاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى.

سوغۇق شامالدا، خاۋ خۇي كارىدورلۇق كۆۋرۈك، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى، يولۇچىلار بۆلمىسى ۋە ئاۋىياتسىيە بىناسى ئارىسىدا چېپىپ يۈرەتتى، كۆز ئاسراش ئەينىكى ئاستىدا، ئۇنىڭ قەتئىيلىككە تولغان كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى. يۇقۇم ئالدىدا، ئۇ ھەمىشە خەتەرنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، بىخەتەرلىكنى باشقىلارغا ئۆتۈندى، ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، نۇقتىلىق رايونلاردىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەكشۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، خەتىرى يۇقىرى، قىزىپ قالغان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى. ئۇ قەرەلسىز ھالدا بارلىق خىزمەتداشلىرىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىش - سېلىش، يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى بويىچە قەرەللىك باھالاپ، ھەربىر خىزمەتدىشىنىڭ بەلگىلەنگەن ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يۈزدەيۈز ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «نۆل يۇقۇملىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ