يېقىندا، شىۋىتسارىيە سيۇرىخ فېدىراتسىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدىكى ئالىملار نانومېتىر تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر خىل شاكىلاتنى ياساپ چىققان. شاكىلاتنىڭ سىرتقى يۈزى تەبىئىي ھەسەن-ھۈسەن رەڭگىدە بولۇپ، كۆرگەنلا كىشى ئىختىيارسىز ھالدا: «ئەجىبا بۇ ھەسەن-ھۈسەننىڭ تەمىمۇ؟» دىيىشىدۇ.
مانا بۇ قۇرۇلما رەڭگى بولۇپ، پىگمېنت ياكى باشقا خۇرۇچلارغا بېقىنمايدۇ، مىكرو قۇرۇلمىنىڭ يورۇقلۇققا بولغان دىفراكسىيەسى ۋە نۇر چېچىلىشىغا تايىنىپلا، چىرايلىق رەڭلەرنى ھاسىل قىلالايدۇ، بۇ رەڭ ئادەتتە كۆرۈنىدىغان «پىگمېنت رەڭگى»گە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. بۇنداق شاكىلات خامېلېئونغا ئوخشاش تېرە تۈزۈلۈشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدا ئالاھىدە نۇر چېچىپ، بەدەننىڭ رەڭگىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىدۇ، بۇنداق ئىقتىدارنى نوقۇل پىگمېنت ھۈجەيرىسى ھازىرلىيالمايدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغىنى، تۈزۈلۈش رەڭگىگە ئىگە بولغانلىرىدىن يەنە قۇلۇلە قېپى، كېپىنەك قانىتى قاتارلىقلار بار.
تەتقىقاتچىلار بۇ خىل رەڭ بېرىش تېخنىكىسىنى بازارغا كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلغان. ھازىرغا نىسبەتەن، تۈزۈلۈش رەڭگىنى ياساشمۇ ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن.
بۇنداق مۇھىت ئاسرايدىغان ھەم ئۇزاققا سوزۇلغان رەڭ بېرىش لايىھەسى يېمەكلىك، توقۇلما بۇيۇم، سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئىشلىتىشكە ھەقىقەتەن ماس كېلىدۇ. لېكىن، ئالىملار يەنە تۈزۈلۈش رەڭگىنى تېخىمۇ كۆپ ساھەگە، مەسىلەن، ئۆزەككە ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى تۈزۈلۈش رەڭگىنى قوللىنىش ماھىيەتتە مىكرو قۇرۇلما لايىھەسى ئارقىلىق نۇرغا بولغان تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھازىر توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ئۆزىكىدىكى ھەر خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك زاپچاسلارنىڭ ھەممىسى ئېلېكتروننى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاساسىدا لوگىكىلىق ھېسابلاش ۋە ئۇچۇر يوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئېلېكتىروننى ئۇچۇر توشۇغۇچى قىلغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك دېتال-زاپچاسلارنىڭ ئىقتىدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن ئەھۋالدا، نۇردىن پايدىلىنىپ تەڭشەپ كونترول قىلىپ، تېخىمۇ كىچىك، ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېخىمۇ تۆۋەن ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان كېيىنكى ئەۋلاد نۇر ھېسابلاش ئۆزىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولامدۇ-يوق؟ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇر كرىستالى، كىۋانتلىق ھېسابلاش قاتارلىق تەتقىقاتلار بىزنى كۈتمەكتە.
(خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)