8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىدا ئۇدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان سېسترا مالى مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندە، يۈز-كۆزلىرىدە تەر تامچىلاپ كەتكەنىدى.
8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، دوختۇر-سېسترالار خەتەرلىك ئېغىر كېسەل ئاغرىقىنى ICU3 ئاغرىقلار رايونىغا ئەكىرمەكتە.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU2 ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇر-سېسترالار قول ئىشارىتى بىلەن ئوكسىگېن ماسكىسى تاقىۋالغان بىر ئاغرىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU2 ئاغرىقلار رايونىدا، بىر ئاغرىق كېسەل كارىۋىتىدا باش بارمىقىنى چىقىرىپ، دوختۇر-سېسترالارغا رەھمەت ئېيتماقتا.
8-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 9-ئاغرىقلار رايونىدا، دوختۇر لو چىن دوختۇرخانىدىن چىقىشقا تەييارلانغان ئاغرىق بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشماقتا.
8-ئاينىڭ 25 -كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 12-ئاغرىقلار رايونىدا، سېسترا شېن جۈەن كارىدوردىكى پولدىلا ئولتۇرۇپ بىر ئاز ئارىمىنى ئېلىۋالماقتا.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 12-ئاغرىقلار رايونىدا، سېسترالار باشلىقى ۋاڭ يەن (ئوڭدا) ئەمدىلا ئىسمېنا ئالماشقان سېسترا خەن تىڭنىڭ قاندىكى ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسىنى ئۆلچىشىگە ياردەملەشمەكتە.
9-ئاينىڭ 7–كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى ھەممىسى نۆللەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا پۈتكۈل قۇتقۇزۇش-داۋالاش جەريانىدا بىرمۇ قازا قىلغان ئاغرىق مىسالى يوق، بىرمۇ تېببىي خادىم يۇقۇملانمىدى، ئاق خالاتلىق جەڭچىلەر چىرايلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى.
بۇ ئىس-تۈتەكسىز جەڭ مەيدانىدا، «نۆللىشىش»نىڭ كەينىدە 2023 نەپەر ئاق خالاتلىق جەڭچى تەمىناتى بىلەن ھېسابلاشمىدى، ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە قەتئىي چىڭ تۇردى.
دەبدەبىلىك سۆزلىمەستىن، ھەرىكىتى ئارقىلىق جاراڭلىق قەسىمىنى ئىزاھلىدى. ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن «يۇقۇم»غا قارشى جەڭگە ئاتلىنىپ، «خەتەر ئىچىدىكى خەتەرلىك» ئاغرىقلارنى خەتەردىن قۇتۇلدۇردى؛ ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاجىز ياشانغانلارنى قۇتقۇزۇۋالدى؛ ئۇلار چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئاجىز قەلبىگە تەسەللىي بەردى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، تېببىي خادىملار قېلىن، ئېغىر مۇداپىئە كىيىمىگە «غەيرەت قىلايلى» دېگەن خەتنى يېزىپ، ھوردىلىپ كەتكەن كۆز قوغداش ئەينىكى ئاستىدىكى كۈلۈمسىرىشى ئارقىلىق مۇتلەق غەلىبە ئىشەنچى بەردى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بىرىنچى سېپىدە، تېببىي خادىملار «ھاياتلىق تەيشەن تېغىدىنمۇ قىممەتلىك» دېگەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر بىر ئاغرىق ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، ئاق خالاتتىن ساۋۇت كىيىپ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.
«ئىلگىرى ئەندىشە قىلغانىدىم، لېكىن ئەزەلدىن چېكىنمىدىم. ئاغرىق ھاياتلىق بەلگىلىرىنىڭ مۇقىملاشقانلىقى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ كۆزىدىكى ياشنى كۆرگەندە، ھايات-ماماتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدىم» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU3 ئاغرىقلار رايونىنىڭ مۇدىرى جاڭ داچۈەن.
كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.
«0» ئاق خالاتلىق جەڭچىلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭ گۈزەل سان. ساغلاملىق ۋە ھاياتلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېببىي خادىملار ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات.