تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاپتاپتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغاندا...

   ئامېرىكا تېرە كېسەللىكلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنى ئاساسلىقى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداش، قېرىش، ئاپتاپتا كۆيۈپ زەخمىلىنىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئاياللاردا قورۇق ۋە قېرىلىق دېغى تېخىمۇ ئاز بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەڭزى قىزىل تۇرىدىكەن، قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن 10~20 ياش كىچىك كۆرۈنىدىكەن.

   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان «قۇياش ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدا ھەر يىلى 60 مىڭ ئادەم قۇياش نۇرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 48 مىڭ ئادەم يامان سۈپەتلىك تېرە قارا پىگمېنت ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، يەنە 12 مىڭ ئادەم باشقا تىپتىكى تېرە راكى بىلەن ئۆلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارنىڭ ياز پەسلىدىلا ئاپتاپتىن ساقلانماي، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئاپتاپتىن ياخشى ساقلىنىشنى ئەسكەرتتى، بۇنداق قىلغاندا ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ قېرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېرە كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

   ئىككى ياش ئىچىدىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئاساس قىلىنىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى نورمال ئىشلەتسە بولىدۇ

   بوۋاقلار ۋە بالىلار: بوۋاقلار ئاپتاپتىن زىيادە ساقلانغاندا، ۋىتامىن D نىڭ كەم بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا ھەر 1 ~ 3 كۈندە، ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت ئەتراپىدا ئاپتاپقا قاقلىغاندا، بوۋاقنىڭ بىر كۈنلۈك ۋىتامىن D بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى بولىدۇ.

   ھامىلىدار ئاياللار: ئانا بولغۇچىلار ھامىلىدارلىق جەريانىدا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى ئىشلەتسە، ئادەتتىكى تېرىنى ئاسراش رولىدىن باشقا، يەنە سارغۇچ قوڭۇر داغ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى تېرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى توسىدۇ.

   ئاپتاپتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش، ئاسراش بۇيۇملىرىنىڭ بىرىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

   دوختۇرلار فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى بەكرەك تەۋسىيە قىلىدىكەن، چۈنكى فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى رېئاكسىيە پەيدا قىلمايدىكەن؛ خىمىيەلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىغا خىمىيەلىك ماددىلار كۆپرەك قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇ، ئاياللارنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى تاللىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى:

   1. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن تېرىگە سىناق قىلىش كېرەك.

   2. ئالدى بىلەن مەھسۇلاتنى قۇلاقنىڭ كەينىگە ياكى بېغىشنىڭ يان تەرىپىگە سۈرۈپ، 10 مىنۇت ئىچىدە قىزىرىش، ئىششىپ ئاغرىش، قىچىشىش قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنىڭ كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆزىتىش كېرەك.

   3. ھازىر بازاردىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنى تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلىنىش، ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەمما ئۇزۇن دولقۇنلۇق ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى ياخشى ئەمەس.

   4. ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سېتىۋالغاندا ئالدى بىلەن ماتېرىيال تەركىبى جەدۋىلىگە قاراش، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە رېياكسىيە قىلىدىغان تەركىبنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

   5. ياز ۋە كۈز پەسلىدە، ئىمكانقەدەر سائەت 10:00دىن 14:00كىچە بولغان بولغان ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋاقىتتا سىرتقا چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك، چوقۇم سىرتقا چىققاندا ئىككى خىل ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ: ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كىيىمى، شەپكە قاتارلىقلار ئارقىلىق كۈن نۇرىنى توسۇش كېرەك، شۇنداقلا كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش مېيىنى ئۇدا ئىككى قېتىم سۈرۈش، ھەر ئىككى-ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم تولۇقلاپ سۈرۈش كېرەك؛

   6. ئاپتاپتىن ساقلايدىغان قوغدىنىش سايمانلىرىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   ئاپتاپتىن ساقلىنىش قەۋىتى بار ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈنلۈكى، چوڭ قالپاقلىق(شەپكە قالپىقىنىڭ كەڭلىكى ئاز دېگەندە 7.5 سانتىمېتىر) شەپكە، قېنىق رەڭلىك كۈن نۇرىنى توسۇش كۆزئەينىكىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ياخشى ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئەسۋابى ھېسابلىنىدۇ، يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

   دوختۇرلار يەنە ئادەتتە ئاپتاپتىن ساقلىنىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەسىلەن، شوخلا تېرىدىكى كوللاگېننىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىنى توسۇپ، بەلگىلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش رولىنى ئوينايدۇ؛

   لىمون تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن C ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، داغنى سۇسلاشتۇرۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىپ، مۈڭگۈز ماددا قەۋىتىنى يۇمشىتىدۇ، تېرىنى ئاسراش ۋە ئاپتاپقا قارشى تۇرۇش رولى بار.

(تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ