ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: «ئىككى كىشلىك كەپتەر گۆشى لەغمىنى، 30 زىخ كاۋاپ... ماقۇل، تەخمىنەن يېرىم سائەتتە يەتكۈزۈپ بېرىمەن!» 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىدە، 24 ياشلىق لوبەن مەمەتئېلى تۇرسۇننىڭ تېلېفونى سايراپ توختىمىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن خېرىدارلارنىڭ زاكازىنى قوبۇل قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ناھىيە بازىردىكى ئاشخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تاماقلارنى بۇيرۇتتى.
ئۇنىڭ تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ يەنە تاغارچى يېزىسى، قوشئېرىق يېزىسى، پەكىچى يېزىسى، ئىشقۇل يېزىلىرىدا تۆت يەتكۈزۈش پونكىتى بار بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. ھەر قايسى كەنتلەردىكى تاماق، مال زاكاز قىلىش ۋېيشىن توپلىرىدا ئۇچۇر ئۈزۈلمەيتتى، تاماق زاكاز قىلىش تېلېفونى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون بولۇپ قالدى، تاماق يەتكۈزگۈچىلەر ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
بەش يىلنىڭ ئالدىدا، مەمەتئېلىنىڭ ئائىلىسى تاغارچى يېزىسى زاغۇنئېرىق كەنتىدىكى نامرات ئائىلە ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ قالدى، شىركەتتە 70تىن ئارتۇق خىزمەتچى بار بولۇپ، يەتكۈزۈش دائىرىسى يەكەن ناھىيە بازىرى ۋە سەككىز يېزا-بازارغا تەسىر كۆرسەتتى، تاماق، قورۇمىدىن باشقا، يەنە ھەر خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىمۇ يەتكۈزدى.
مەمەتئېلى تۇرسۇن قۇرغان تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ خادىمى يېزا، كەنتكە تاماق يەتكۈزمەكتە.
2014-يىلدىن 2015-يىلغىچە، مەمەتئېلى كەنتتىكى ئوقۇتقۇچى، كەنت كادىرلىرى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزى ۋاقىتتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەچكە ياكى دېھقانچىلىق ئالدىراش بولۇپ قالغاندا، تاماق يەيدىغان ۋاقىتى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ، شەھەردىكى تاماق بۇيرۇتۇش، يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئۇنىڭ ئېسىگە سالدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭدا تاماق يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تورغا چىقىپ تاماق بۇيرۇتۇش مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى ماتېرىيال ۋە بىلىملەرنى ئىزدەپ ئۆگەندى، يەنە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تاماق يەتكۈزۈش تەرتىپىنى ئۆگەندى. دەسلەپتە، مەمەتئېلى ئىگىلىك تىكلەيدىغان مەبلەغدىن ئەنسىرىدى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭغا ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ئەتراپىدىكى دوستلىرى، تۇغقانلىرى نەق پۇل ياردەم قىلدى، يەنە نۇرغۇن كىشى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ كەسىپ مۇلازىمىتىنى تەرەپ-تەرەپكە تەشۋىق قىلىپ بەردى.
تاماق يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.
2015-يىلى، مەمەتئېلى تاغارچى بازىرى ئەتراپىدىكى قۇۋچى كەنتىگە تۇنجى تاماق يەتكۈزۈش پونكىتىنى قۇرۇپ، سەككىز كەنت ئاھالىسىنى ئىشقا قوبۇل قىلىپ، ئۆزى بىللە پۈتۈن بازارغا تاماق يەتكۈزدى. ئۇ بازاردىكى تازىلىق شارائىتى ۋە تاماقنىڭ سۈپىتى ياخشى ئاشخانىلارنى تاللاپ، ئاشخانا بىلەن تاماق يەتكۈزۈش ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزىدى، شىركەت خادىملىرى كەنتلەردە تەشۋىق قىلدى ھەمدە تېلېفون نومۇرىنى قالدۇردى.
«دەسلەپتە ئۇلارنىڭ شۇنچە يىراقتىن يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىدۇق. كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە سىناپ بېقىش ئۈچۈن، تېلېفون قىلىپ تاماق بۇيرۇتتى، ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا يەتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئىشەندى» دېدى تاغارچى بازىرى زاغۇنئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن ھۈسەيىن.
مەمەتئېلى تۇرسۇن(سولدا) تاماق يەتكۈزۈش موتسىكلىتىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلغان-بۇزۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە.
دەسلەپتە باشلىغاندا، بىر قىسىم دېھقانلار كۆنۈپ بولالمىدى. «بەزى دېھقانلار تاماق بۇيرۇتتى، بىز تاماقنى يەتكۈزگەندە ئادەمنى تاپالمىدۇق. ئىسراپچىلىق بولماسلىق ئۈچۈن، تاماقلارنى ئۆزىمىز يېدۇق، تاماق بۇيرۇتقان كىشى بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، يېڭىدىن تاماقنى يەتكۈزۈپ بەردۇق، ھەقنى ئۆزىمىز ئۈستىمىزگە ئالدۇق» دېدى مەمەتئېلى، ئۇ ئۆزى زىيان تارتسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرىنى رازى قىلىشنى ئويلىدى.
مەمەتئېلى ھەر كۈنى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەسىپ مۇلازىمىتىنى تەشۋىق قىلغاچقا، خېرىدارلار تېز كۆپەيدى، مۇلازىمىتى تاماق يەتكۈزۈشتىن ھەر خىل تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشكە تەرەققىي قىلدى.
مۇلازىمىتىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، مەمەتئېلى قوشئېرىق يېزىسى، پەكىچى يېزىسى، ئىشقۇل يېزىسىغا تاماق يەتكۈزۈش پونكىتى قۇردى، بۇلتۇر ناھىيە بازىرىدا تاماق يەتكۈزۈش مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇپ، يەتكۈزۈش دائىرىسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، ناھىيە بازىرىدىكى مەززىلىك تاماقلارنى، مەھسۇلاتلارنى يېزا-بازار، كەنت ئاھالىلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى.
قوشئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى گۈلنىسا روزى ئائىلىسىدىكىلەر ئېرىنىڭ سىرتتا ئىشلەپ تاپقان پۇلى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايتتى، كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى، 2019-يىل 8-ئايدا، ئۇ كەنتتىكى تاماق يەتكۈزۈش پونكىتىدا ئىشقا چۈشتى. گۈلنىسا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ يەردىكى ھەر ئايلىق ئاساسىي مائاشىم 1300 يۈەن، يەتكۈزۈش مىقدارىغا ئاساسەن پىرسەنت ئايرىيدۇ، ھازىر ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى».
مەمەتئېلى تۇرسۇن(ئوڭدىن بىرىنچى)خىزمەتچىلەرگە خىزمەت ۋەزىپىسى ئورۇنلاشتۇرماقتا.
يەكەن ناھىيە تاغاچى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ خۇڭۋېي مۇنداق دېدى: مەمەتئېلى بۈگۈنكى كۈندە بۇ بازاردىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى، ئۇ بېيىغاندا يۇرتداشلارنى ئۇنتۇماي، 70تىن ئارتۇق يېزا، كەنت ئەمگەك كۈچىلىرىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 45 ئادەم ئىلگىرى نامرات ئاھالە بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئايلىق مائاشى 4300 يۈەنگە يەتتى.
مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە يىللىق تەجرىبەمدىن پەقەت ھەرىكەتكە كەلسەكلا، ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلدىم. مەن داۋاملىق كەسىپنى زورايتىپ، باشقا ناھىيە، شەھەرلەرگە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەيمەن».