تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قارىقات: كىچىك ياۋا مېۋىدىن «قارا مەرۋايىت»قىچە

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ

بۇ يىل، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى 26 مىڭ مودىن ئارتۇق قارىقاتتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. كىچىككىنە قارىقاتلار ئېتىزلىقلاردا ئالدىراش ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى تېز ئايلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە مېۋە قىيامى، مېۋە ھارىقى، مېۋە تورتى قاتارلىق بىر قاتار مەھسۇلاتلارغا ئايلىنىپ بازارغا كىردى.

ئەسلىدىكى بىر كىلوگىرامى 15 يۈەن ئەتراپىدا بولغان قارىقات پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق قىممىتى ئون نەچچە ھەسسە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئاشتى. بۇلتۇر، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارىقات كەسپى 1000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، قارىقات ئۆستۈرۈش رايونىدىكى ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئاشقان كىرىمى 11 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك بولدى.

تاغ ئىچىدىكى ياۋا مېۋىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى

بولۇق ئۆسكەن شاخ - يوپۇرماقلارنى قايرىۋېدى، دانە - دانە قارا مەرۋايىتتەك قارىقاتلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى بەيگە تۆبە كەنتىدىكى قارىقات ئۆستۈرگۈچى باغىس ئاۋغانباي 20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ ئۆزىنىڭ قارىقات ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

«كىچىك چېغىمىزدا قارىقاتنى ئېيىق يەيدىغان مېۋە دەيتتۇق، تاغ ئىچىدىكى يايلاقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە بار ئىدى، تەمى چۈچۈمەل بولغاچقا، ئۈزۈپ كېلىپ قاينىتىپ مۇراببا قىلاتتۇق، بۇ، تاماق ئۈستىلىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ناھايىتى يېيىشلىك ئىدى» دېدى باغىس مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ.

2009 - يىلى ئەتىيازدا، دۆلەتنىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسى قارىقات ئۆستۈرۈشنى سىناق تەرىقىسىدە كېڭەيتتى. باغىس ئەڭ دەسلەپتە قارىقاتنى سىناق قىلىپ تىككەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى بىر مو يەرگە 100 تۈپ قارىقات تىكتى.

«ناھىيە قارىقات كۆچىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، كۆچەت تىكىشتىن ئېتىز پەرۋىشىگىچە مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلدى». باغىس مۇنداق دېدى: 3 - يىلىغا كەلگەندە، قارىقات تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، مەن بۇ پەسىلدە 500 كىلوگىرامغا يېقىن مېۋە يىغىپ، 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.

تۇنجى تۈركۈمدە قارىقات ئۆستۈرگەن ئائىلىلەرنىڭ پايدا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان سىناپ بېقىشقا ئالدىرىدى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت دەرھال چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، 2012 - يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ پۈتۈن ناھىيەدە قارىقات ئۆستۈرۈشنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقاردى: قارىقات ئۆستۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىغان يەرلەرنى ھەقسىز كۆچەت بىلەن تەمىنلەش؛ مەركەزلىك تۇتاش ئۆستۈرۈش كۆلىمى 50 مودىن ئاشقانلارنى ھەقسىز قاشا بىلەن تەمىنلەش؛ 2010 - يىلىدىن 2013 - يىلىغىچە تىكىلگەن قارىقاتنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %85كە يەتكۈزگەن قارىقات ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە ھەر مو يەرگە 300 يۈەندىن ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىقلار.

باغىس ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 134 مو يەرنى تۈزلەپ قارىقات تىكتى، يەنە 210 مىڭ يۈەن مەبلەغ غەملەپ، يەرنى مۇنبەتلەشتۈرۈش، سۇ، توك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى. ھازىر، پۈتۈن ناھىيە بويىچە قارىقات تېرىلغۇ كۆلىمى 26 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1200 توننىغا يەتتى.

سۈپەتلىك ماركا قارىقات ئۆستۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ گېبى گوشياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ شىرنە چىقىرىش سېخىدا، يەللىك سىقىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئاۋازىغا ئەگىشىپ، دانە - دانە توق قارىقاتلار كۆكۈش سۆسۈن رەڭلىك مېۋە شەربىتىگە ئايلاندى.

«قارىقات ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بىر خىل شىرنىلىك كىچىك مېۋە بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن C، سىيانىدىن مول، چىش مىلىكىنى، جىگەرنى ئاسراپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ...». شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: شىركەت دەل كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى سۈپەتلىك قارىقاتنى كۆزدە تۇتۇپ، 2014 - يىلى رەسمىي تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، شىركەت ئىچكىرى رايونلاردىكى تەتقىقات تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قارىقات قېقى، مېۋە تورتى، مېۋە قىيامى، ئىچىملىك ۋە مېۋە چېيى قاتارلىق ئون نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقاردى ھەم «گېبى گوشياڭ» سۈپەتلىك ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە، ھەر يىلى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولمىغان تولۇق كاپالەتلىك باھادا قارىقاتنى سېتىۋېلىپ، ھەم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كېرەكلىك خام ئەشياغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەم قارىقات ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

باغىس ھېسابلاپ كۆردى، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قارىقات ھوسۇلى 25 توننا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 350 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، باغىسقا ئوخشاش قارىقات كەسپىدىن مەنپەئەتلەنگەن قارىقات ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. «گېبى گوشياڭ» بەلگىسى بېسىلغان تۈرلۈك قارىقات مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىرىپ، تېز سۈرئەتتە سۈپەتلىك ماركا بولۇپ تونۇلۇپ، بارغانسېرى كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنى قارىقات ئۆستۈرۈشكە جەلپ قىلدى.

سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 5 - ئايدا، ئالتاي ۋىلايىتى «جىڭيۈ لۈماما» گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۇنجى قېتىم يەرلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توردا مەركەزلىك سېتىشنى قانات يايدۇردى. ئىككى كۈنلۈك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارىقات خاس مېۋە تورت مەھسۇلاتى بىر يولىلا سېتىلىپ بولدى.

كوللېكتىپ تەرەققىي قىلىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى

7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، باغىس بىر مىنۇتمۇ بىكار بولالمىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن قارىقات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارىقاتلىرىنى سېتىۋالدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، پۈتكۈل تۇرغۇن يېزىسىدىكى 1500 مو قارىقاتنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ كوپىراتىپنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشى، بىرتۇتاش سېتىۋېلىشى، بىرتۇتاش سېتىشىغا تايىنىدۇ. ھازىر ھەممىسى يىغىۋېلىنىپ بولدى ھەم يەرلىك كارخانىلارغا سېتىلدى» دېدى باغىس.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى توغرىسىدا باغىس چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

2017 - يىلى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، باغىس كەنتتىكى بىر قانچە قارىقات ئۆستۈرۈش ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قارىقات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئەڭ دەسلەپكى ئالتە ئائىلىدىن ھازىرقى 30دىن ئارتۇق ئائىلىگە كۆپەيدى، قارىقات ئۆستۈرۈش كۆلىمىمۇ دەسلەپكى 300 مودىن ھازىرقى 1500 موغا كېڭەيدى» دېدى باغىس.

كەنت ئاھالىسى ئوراز قادىر ئائىلىسىدىكى تۆت جان ئۇزاقتىن بۇيان ئاق ئاشپۇرچاق تېرىپ ئائىلىسىنى قامداپ كەلگەنىدى. ئۇ 2018 - يىلى 15 مو تېرىلغۇ يېرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قارىقات ئۆستۈرۈشىگە ئوبوروت قىلىپ بەردى، ئۆزىمۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ ئىشلىدى. ھازىر، ئۇ ھەر يىلى يەر ئوبوروت پۇلى ۋە قارىقات پەرۋىش قىلىش پۇلى ئالالايدۇ، بۇلتۇر 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«مېنىڭ ھازىرقى ئارزۇيۇم بۇ كىچىككىنە شىرنىلىك مېۋە ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى دېھقان قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يانچۇقىنى تومپايتىش، داڭلىق كۆكتوقاي قارىقات ماركىسىنى يارىتىش» دېدى باغىس.

ئىگىلىنىشىچە، قارىقات ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۆكتوقاي ناھىيەسى قارىقات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن جەمئىي 13نى قۇرغان.

11 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، قارىقات تاغ جىلغىسىدىكى ياۋا مېۋىدىن خاس مەھسۇلاتقا ئايلاندى. كۆكتوقاي ناھىيەسى 2021 - يىلىغا بارغاندا مەركەزلىك تۇتاش قارىقات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 30 مىڭ موغا كېڭەيتىپ، يىلىغا 1500 توننا ھوسۇل ئېلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ قارىقاتقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

قارىقات ئۆستۈرۈش ئاساسلىقى ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە تارقالغان، ئاپتونوم رايونىمىز ئالتاي ۋىلايىتى، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋزەل رايوننى كۈچەپ بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار قارىقاتنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىلغار يېڭى پېتى ساقلاش ۋە پىششىقلاش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قارىقاتتىن ئىشلىنىدىغان مۇراببا، مېۋە چېيى، مېۋە شەربىتى، فۇنكسىيەلىك ئىچىملىك، مېۋە قېقى، يۇيۇش - ئاسراش بۇيۇملىرى، خۇاچىڭسۇ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقاردى.

2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قارىقات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 100 مىڭ مو ئەتراپىغا، مەھسۇلات مىقدارىنى 10 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە قارىقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 150 مىڭ مو ئەتراپىغا، مەھسۇلات مىقدارى 15 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى