تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر دانە ياڭاقنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى قالتىس كۈچى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىنخۇڭ

8 - ئايدىكى قاغىلىقتا، ھەممىلا يەردە بولۇق مېۋىلىگەن يېشىل ياڭاقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ياپيېشىل ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا تەبەسسۇملۇق چېھىرلەر ئۈمىدكە تولدى. بۇ يىل قاغىلىقتا ياڭاقلار كىشىنى خۇش قىلغۇدەك مېۋىلەپ، يەنە بىر مول ھوسۇل يىلى كۈتۈۋېلىندى.

«ھازىر، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ياڭاقلىق كۆلىمى 6.5 مو بولۇپ، كىشى بېشىغا 25 تۈپ ياڭاق دەرىخى توغرا كېلىدۇ. كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بىر دانە ياڭاقتىن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، كىچىككىنە ياڭاق قاغىلىقتا ناھايىتى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ» دېدى قاغىلىق ناھىيەلىك ياڭاقنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەركىزى ۋە ياڭاق تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ جېڭ.

ئۆستۈرۈشنى خاسلاشتۇرۇپ، «ئالتۇن قونچاق»قا ئېرىشتى

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى، خاس تېرىقچىلىق ھەرقايسى جايلاردا تەدرىجىي ئەۋج ئالدى، قاغىلىق ناھىيەسى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئىلمىي دەلىللەش ئارقىلىق «100 مىڭ مو، 1 مىليون تۈپ»تىن ئىبارەت خاس تېرىقچىلىق تەرەققىيات پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەلا سورتلارنى ئۇلاپ ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ياڭاقنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇلتۇر، مەن 210 مو يەرگە ياڭاق كۆچىتى تىكتىم، ياڭاقتىن مو بېشىغا 468 كىلوگىرام ھوسۇل ئېلىشتەك نەتىجە بىلەن ياڭاق ئۆستۈرۈشتە <جۇاڭيۈەن>لىكنى قولغا كەلتۈردۈم. ياڭاق مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ بەشئېرىق يېزىسى سىيەك كەنتىدىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى مەمەتقادىر تۇرۇپ.

بۇلتۇر، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ خاس باغ - ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 825 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى 581 مىڭ 500 مو، ھوسۇلى 128 مىڭ 600 توننا بولۇپ، 2 مىليارد 12 مىليون يۈەنلىك مەھسۇلات قىممىتى يارىتىلدى، باغ - ئورمانچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %80.8ىنى ئىگىلىدى. ياڭاق قاغىلىق ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ قۇچىقىدىكى «ئالتۇن قونچاق»قا ئايلاندى.

كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى

ياڭاق مېغىزىنى سول تەرەپكە، ياڭاق پاسىلىنى ئوڭ تەرەپكە قويدى، ھەمرا مەخمۇتنىڭ ئىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بىردەمدىلا ئالدىغا بىر دۆۋە ياڭاق مېغىزى ۋە ياڭاق پاسىلىنى ئايرىپ بولدى.

ھەمرا بۇ ناھىيەنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسى باش شور ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ھەر كۈنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشلەيدۇ. «ھازىر، كەنتتىكى نۇرغۇن ئايال نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ» دېدى ھەمرا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقچىلىق كەسپىنى چۆرىدەپ مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يۈزلەنگەن، بولۇپمۇ نامرات كەنتلەرنى قاپلىغان نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرىنى قۇردى، دەسلەپكى پىششىقلاشتىن كېيىن، ھەر كىلوگىرام ياڭاقنىڭ قىممىتى بەش يۈەندىن سەككىز يۈەنگىچە ئاشتى.

ياڭاق يېغى، ياڭاق تالقىنى، ياڭاق سۈتى... قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلايدىغان ئەڭ چوڭ باشلامچى كارخانا شىنجاڭ مېيجيا يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، ئىنچىكە پىششىقلانغان ئېسىل ياڭاق مەھسۇلاتلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى.

«بىزنىڭ تۆت چوڭ تۈر، 22 خىل مەھسۇلاتىمىز بار. بىز ياڭاق پاسىلىدىن خالتىلىق چاي، ياڭاق شاكىلىدىن ئاكتىپ كاربون، ياڭاق مېغىزىدىن ھەر خىل ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىپ، ياڭاق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە ھەممە يېرىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى شىنجاڭ مېيجيا يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پېڭ خۇڭچۇن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ مېيجيا يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتى 21 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ياڭاق سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، بىر يىلدا 30 مىڭ توننا ياڭاقنى پىششىقلاپ، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 25 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

«ياڭاقنىڭ كۆك پوستىدىن تاننىن كىسلاتا پاراشوكى تەييار مەھسۇلاتىنى پىششىقلاش ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىكى بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش. بۇلتۇر شىركىتىمىز ھەر كىلوگىرامى بىر يۈەنلىك باھادا 7000 توننا ياڭاق كۆك پوستى سېتىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن قاغىلىقتىكى 100 مىڭ توننا ياڭاق كۆك پوستى كېرەكسىز نەرسىدىن گۆھەرگە ئايلىنىپلا قالماي، كىرىمنى 100 مىليون يۈەن ئاشۇردى، يەنە كۆكيار يېزىسى، يىتىملىقۇم يېزىسىدىكى 430 دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى» دېدى شىنجاڭ باۋلۇڭ خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شۈ يەنلۇڭ.

ئۆستۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى

«قاغىلىق ياڭىقى»دىن ئىبارەت ئەۋزەل سۈپەتلىك ماركىنى يېتىلدۈرۈپ، ئورگانىكلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاقچىلىق كەسپىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم يول.

«قاراڭ، بىز تىككەن ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ قۇر ئارىلىقى نېمىدېگەن تەكشى» دېدى بۇ ناھىيەدىكى سايباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ياڭ لىبو. بىر مو يەردە 13 تۈپ كۆچەت بولۇشتەك زىچلىق دەرىجىسى بويىچە، بۇلتۇر سايباغ يېزىسى 100 مىڭ تۈپ ياڭاق دەرىخىنى بىرتۇتاش ئۆزگەرتتى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ قۇر ئارىلىقى تەكشى بولۇپلا قالماي، يەنە مېۋىسىنىڭ شەكلى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى بولدى.

ياڭ لىبو مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل سايباغ يېزىسى 86 مىڭ تۈپ ياڭاق دەرىخىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆستۈرۈشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئورگانىكلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياڭاق سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى پىلانلىدى.

«بۇلتۇر، 18 مو يەرگە ياڭاق تىكتىم، 60 مىڭ يۈەنگە يېقىن ساتتىم، بۇ يىل ئىلمىي پەرۋىش قىلىش سەۋىيەمنى ئۆستۈردۈم، كىرىمىم بۇلتۇرقىدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى بۇ ناھىيەنىڭ تېتىر يېزىسى دەپسەڭ كەنتىدىكى ياڭاق ئۆستۈرگۈچى مەمەت ئېلى.

قاغىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن گويىن مۇنداق تونۇشتۇردى: قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقلىقلاردا تىندۇرۇپ تەكشىلەش - تولۇقلاپ رەتلەش، ئۇلاپ سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. باشلامچى كارخانىلارمۇ قاغىلىقنى ياڭاق ئۆستۈرۈشتە ئۆلچەملىشىش، ئورگانىكلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا قىستىدى. ھازىر، باشلامچى كارخانىلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغانلىكى ياڭاقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەرنىڭ ھەممىسى باشلامچى كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش تەلىپىگە ئاساسەن ئۆستۈرىدىغان، پەرۋىش قىلىدىغان بولدى.

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، ئورمانچىلىق تېخنىكلىرىنىڭ تەربىيەلەپ، يېتەكلىشىدە ياڭاقچىلىقتا جۇاڭيۈەنلىكنى قولغا كەلتۈردۈم، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يېشىل، ئورگانىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ياڭاقنى تېخىمۇ ياخشى باھادا ساتىمەن» دېدى مەمەت قادىر.

نۆۋەتتە، قاغىلىق ناھىيەسى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى ئورناتتى، پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئېتىراپتىن ئۆتكەن يېشىل، ئورگانىك ياڭاق بازىسى 100 مىڭ موغا يەتتى.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدا ياڭاق ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى پەس تاغلىق رايون قاتارلىق مۆتىدىل كىلىماتلىق رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش پىكىر يولى بويىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش كۆلىمى، مەھسۇلات سۈپىتى ھەم تەبىئىي مۇھىت شارائىتىغا ئاساسەن، ئەۋزەل رايونلار ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەندىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتىكى 20 ناھىيە، شەھەرگە نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياڭاق ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 5 مىليون 800 مىڭ مو ئەتراپىدا، ھوسۇلى 1 مىليون توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ياڭاق ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 5 مىليون 800 مىڭ مو ئەتراپىدا، ھوسۇلى 1 مىليون 100 مىڭ توننا ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى