تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ باغراش: لازا كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىنى ئاچتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىر سىچىن گاۋۋا خەۋىرى): «بۇ يىل بىز يەنە كەڭ كۆلەمدە لازا تېرىدۇق، ئاز بىر قىسىم يەرگە خېيبېيبېي كاۋىسى تېرىدۇق، مېنىڭ لازا تېرىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى، 20 نەچچە يىل بولۇپ قالدى» دېدى شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى دۇڭداخەن يېشىل كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شى چىڭ. بۇ يىل شى چىڭ 1500 مودىن كۆپرەك يەرگە پىگمېنت لازىسى تېرىدى، 200 مودىن كۆپرەك يەرگە يېمەكلىك لازىسى تېرىدى، پىشىش، ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، شى چىڭ ئېتىزلىقىدا دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

شى چىڭ باغراش ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى لازا تېرىش چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، لازا تېرىغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن ياردىمى ۋە يېتەكلىشىگە ئېرىشتى. شى چىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، لازا تېرىش كۆلىمى ئىلگىرىكىدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ، سېتىلىشىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولغان. نۆۋەتتە يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتلىرىغا سېتىپ بېرىپ، يەنە شىنجاڭ يېمەكلىك كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە باغراش ناھىيەسىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن.

«مەن دائىم لازا، شوخلا تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىلىدىغان ئىش بولسىلا، يېزىمىزدىكى ئاچا-سىڭىللارنى ئۇلارنىڭ يېرىگە بېرىپ ئىشلەشكە تەشكىللەيمەن، ئاز بولغاندا 10 نەچچە ئادەم، كۆپ بولغاندا 30 ئادەم بار، ھەر بىر ئادەم بىر كۈندە 200 يۈەندىن پۇل تاپالايدۇ، بىر ئايدا خېلى كۆپ پۇل تاپالايمىز» دېدى يېزا پارتىيە ئەزالىرى ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسى بەي شياۋيۈن.

ئىگىلىنىشىچە، 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ، باغراش ناھىيەسى لازىچىلىقنى شۇ جاينىڭ يېتەكچى كەسپى سۈپىتىدە تۇتقان. لازا كەسپى باغراش ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ناھىيە بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، پايدىسى ئەڭ كۆپ بولغان ئىقتىسادىي زىرائەت بولۇپ قالغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، لازا كەسپى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1000دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى __ باغراش كۆلى بار بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى گۈزەل، يېرى تەكشى، مۇنبەت، قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولۇپ، باغراش كۆلى لازىسىغا ئىنتايىن ياخشى ئۆسۈش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان قىزىل لازىنىڭ تەركىبىدىكى قىزىل پىگمېنت يۇقىرى، لازا ئىشقارى يۇقىرى، VC مىقدارى يۇقىرى، ئەتلىك، تەمى ياخشى، پىشىش دەرىجىسى ياخشى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بازارلاردا بازىرى ئىتتىك، شۇڭا شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى «جۇڭگو لازا ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن شىنجاڭنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئۆزگىچە مەززىلىك تائام داپەنجىگە دەل باغراش قىزىل لازىسى ئىشلىتىلىدۇ.

2013-يىلى 9-ئايدا، «باغراش لازىسى» يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى دەپ قانۇن بويىچە تىزىمغا ئېلىندى؛ بۇ يىل 7- ئايدا، «باغراش لازىسى» يەنە جۇڭگو-ياۋروپا (ياۋروپا ئىتتىپاقى)نىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، تۆت يىل ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، جۇڭگو كۆكتات ئوبوروت جەمئىيىتى زۇنيى شەھىرىدە «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ داڭلىق لازا»نى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. باغراش لازىسى «مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ داڭلىق لازا» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى