تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ھەر قايسى تۇەن-مەيدانلار سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شۈ مىن خەۋىرى): «ياخشىمۇسىز، سىز زاكاز قىلغان ئالمىنى ئاپىرىپ قويدۇم، ۋاقتىدا ئېلىۋېلىڭ» بۇ بىر نەچچە كۈندە، 10-شى 184-تۇەن 8-ليەننىڭ ئىشچىسى ليۇ شياۋلەننىڭ ئۆيىدىكى ئالمىنىڭ ۋېيشىندىكى زاكاز تالونى ئۈزۈلمىدى، بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىتتا بىر توننىغا يېقىن ئالما سېتىلدى.

ھازىر دەل مېۋە-چېۋىلەر پىشىپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل، يۇقۇمنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ئېلىپ كەلگەن خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، سېتىش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

توردا ۋە تور سىرتىدا تەڭ كۈچ چىقىرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. 184- تۇەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، ئالاقە تورى سۇپىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىش شەرتىنى قويۇۋېتىپ، سۇپا مۇلازىمەت ھەققىنى تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل يولى ئېچىپ، بازار ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھەرقايسى ليەندۈيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن لىنىيە ئۈستىدىكى تىجارەت لايىھەسىنى تۈزدى، ھازىرغا قەدەر، بۇ تۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر 5 توننا بالدۇر پىشىدىغان ئالما، 20 توننىدىن ئارتۇق خۇاڭگۇەن نەشپۈتى، 30 توننىدىن ئارتۇق شاپتۇل ساتتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگو پوچتىسى «بىر شەھەرگە تېز يەتكۈزۈش» مەخسۇس ئاپتوموبىلى 5 - شى 86- تۇەننىڭ ئۈزۈمزارلىقى ۋە بورتالا شەھىرىنىڭ چوڭ -كىچىك كوچىلىرىدا مېڭىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 86 - تۇەننىڭ ئۈزۈملىرىنى بورتالا شەھىرى ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە قارىتا، بۇ تۇەن پائال سېتىش يولى ئىزدەپ، جۇڭگو پوچتا شىركىتى بورتالا ئوبلاستلىق شۆبە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۈزۈم سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

12-شى 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنى ھەر كۈنى ليەندۈيدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ئەۋەتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇردى ھەم شى سودا ئىدارىسى، جيۇدىڭ بازىرى، شىنليەن بازىرى ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغۇچى تەرەپنى ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇردى؛ بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا يېشىل يول ئېچىپ بەردى ھەم خادىملار بىلەن ئۇچراشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ۋاقتىدا چىقىرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، 1-ماي دېھقانچىلىق مەيدانىدا 7500 توننا كۆكتات، مېۋە-چېۋە سېتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلماي بېسىلىپ قالماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قوغۇن سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 13 - شى نوم دېھقانچىلىق مەيدانى بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، رايون ھالقىپ قوغۇن سېتىش يېشىل يولىنى ئاچتى. نوم دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيەسى، نوم بازىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى ئورتاق قۇرۇش ئورۇنلىرى قوغۇن سېتىش مەخسۇس سىنىپى قۇرۇپ، قوغۇننى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 13- شى بىلەن ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، قومۇل قوغۇنىنى سىرتقا توشۇش يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈزۈلگەن قوغۇننىڭ ۋاقتىدا توشۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. ھازىرغا قەدەر، نوم دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى 14 مىڭ 200 مو قوغۇننىڭ %60ى سېتىلىپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ