تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇم مەزگىلىدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كېمەيتىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار كۇڭ شياڭمىڭ، شاۋ ۋېن خەۋىرى): 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24:00كىچە، يۇقۇم سەۋەبلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىللىرى تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۆلۈمى قاتناش باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم كۆرۈلگەن مەزگىلدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىگە قارىتا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تىجارىتىنى باشقۇرىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ئەڭ يېڭى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغان.

  ئېتىبار بېرىش ۋاقتى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئايروپورت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 24 سائەت (كېچە-كۈندۈز)تىن ئۇزۇن توختىتىلغان موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مۇلازىمەت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە كىچىك، ئوتتۇرا ۋە چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل دەپ ئايرىلمايدىكەن، ئاپتوموبىل توختىتىش مۇلازىمەت ھەققى ھەر كۈنى ھەر بىر ئاپتوموبىلدىن 40 يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن، بىر كۈنگە توشمىسا بىر كۈن بويىچە ھېسابلىنىدىكەن.

  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتا ئېتىبار بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلارنى بېجىرىشتە، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، سېلىشتۇرۇشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىگىسى تاپشۇرۇشقا تېگىشىلىك ئالاقىدار ھەقلەر كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلىشتا ئاپتوموبىل ئۇچۇرى، ئاپتوموبىل توختاتقان ۋاقىت بۆلىكى ۋە ئاپتوموبىلنىڭ تۇرۇپ قېلىش سەۋەبىنى ئەسكەرتىش كېرەك ھەمدە ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىق ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى تەمىنلەش ياكى خىزمەتچى خادىملار نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتىپ ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ساقلاش كېرەك، ئېتىبار بېرىش مۇددىتىدىن باشقا ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا كىرىپ چىققان ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە نورمال ھەق ئېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى