تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدىكى تۈمەن مولۇق شىنمېيدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىدىكى تۈمەن مولۇق شىنمېيدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاۋىياتسىيە مەخسۇس ئايروپىلانىدا شۇ كۈنى ئۈزۈلگەنلىرى شۇ كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋغا يەتكۈزۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دوڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جيا خۇڭمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى شىنتارا يېزىسى زېگىدېن ئاتىس كەنتىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تېرىچقى ئائىلىسى دېڭ چىنيۆنىڭ شىنمېي ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى. «بۇ يىلقى بازار باھاسى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا ئاساسەن تەڭلەشتى، ئەمما مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى، مۆلچەرىمچە 130 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالىشىم مۇمكىن» دېدى دېڭ چىنيۆ 8-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرغا.

بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى شىنمېيدىن مول ھوسۇل ئالدى.

  بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئەڭ چوڭ شىنمېي ئۆستۈرىدىغان جاي خوشۇت ناھىيەسى تەۋەسىدە، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق شىنمېي مول مېۋە بەردى، ئۈزۈۋېلىنغان شىنمېيلار ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش مەخسۇس ئايروپىلانى ئارقىلىق، شۇ كۈنىلا نىشان جايغا يەتكۈزۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزىگە خاس كىلىمات، سۇ-تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، خوشۇت ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، خاس باغ-ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدە شىنمېي ئۆستۈرۈشنى ئومۇملاشتۇردى. ھازىرغىچە، خوشۇت ناھىيەسىدە 13 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە شىنمېي تېرىلغان بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 1137 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى دېڭ چىنيۆگە ياردەملىشىپ شىنمېي ئۈزۈشۈپ بەردى.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇش قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى بۇ يىل يېشىل يول ئېچىپ، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ پايدىلىق ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى شارائىتىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋىياتسىيەدە توشۇش مەخسۇس ئايروپىلانىنى يولغا قويدى.

  ئاۋىياتسىيە توشۇش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، دېڭ چىنيۆنىڭ بۇ يىل ئۈزگەن شىنمېيلىرى دەرىجىگە ئايرىلىپ، يەشىكلەرگە قاچىلانغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە باغدىن توشۇپ چىقىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل يولى ئارقىلىق كورلا ئايرودۇرۇمىغا يەتكۈزۈلۈپ، شۇ كۈنىلا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شەندۇڭ، خۇنەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغا سېتىلدى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىسى دېڭ چىنيۆگە ياردەملىشىپ ئۈزگەن شىنمېيلار.

  «يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى جايلارغا بېرىش يولىنى تېزلىكتە ئېچىش ئۈچۈن، بىز ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، ‹يولۇچى ئورنىغا يۈك توشۇش› يۈك ترانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتۇق، ھازىر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئۈزۈلۈپ، شۇ كۈنى نىشان جايغا يېتىپ بېرىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى كورلا ئايرودۇرۇمى يۈك تىرانسپورت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۈن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2020-يىلىدىن بۇيان، كورلا ئايرودۇرۇمى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۈگۈر ئاق ئۆرۈكى، توقاچ شاپتۇل، بەنلى كاۋىسى، شوخلا قاتارلىق 26 خىل يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتى ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش مەخسۇس ئايروپىلانىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتلىك، يېڭى مېۋىلەرنىڭ بوشلۇق تېز يولى ئارقىلىق، ئېتىز بېشىدىن ئىستېمال بازىرىغا يەتكۈزۈلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، كېيىن يەنە «چىلان» ناملىق، «نەشپۈت» ناملىق يۈك توشۇش مەخسۇس ئايروپىلانلىرىنى يولغا قويۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سۈپەتلىك، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى بازىرىغا كىرىشىگە كۈچ قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ