تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۇتقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەڭگۈشتەر، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى يارقىن نۇقتا قىلدى، نانچىلىق كەسپىدە ھەممە يەرنى قاپلاش، تېز تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

خېمىر يۇغۇرۇش، زۇۋۇلا ئۈزۈش، ئېچىپ تەييارلاش... 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەلىك نانچىلىق كەسپى باغچىسىدا مەمەتئىمىن قادىر شاگىرتىغا نان يېقىش ماھارىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئۆگەتتى.

مەمەتئىمىن پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى باغچى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، بۇلتۇر 8 - ئايدا پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نانچىلىق كەسپى باغچىسىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان. «مەن ھازىر كۈنىگە 500دىن ئارتۇق نان ياقالايمەن، يەنە بەش شاگىرت تەربىيەلىدىم.» ئۇ مۇنداق دېدى: مۇقىم مائاشىمغا پايدا پىرسەنتى قوشۇلۇپ، ھەر ئايدا 3500 يۈەن كىرىم قىلىمەن، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىم كامىل.

نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 1 - قارارىدا 1200 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئائىلىدىكىلەر 696 بولۇپ، «تۆۋەن كاپالەت مائاشى + ئۈنۈم مائاشى» ئەندىزىسى بويىچە ئىش ھەققى تارقىتىلدى، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 3000 يۈەندىن ئاشتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ناندىن ئىبارەت شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ يېمەكلىك نامرات رايونلاردا تېخىمۇ كۆپ مەنىگە ئىگە بولماقتا. ھەرقايسى جايلار نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش، ھەمدە ساياھەتچىلىك قاتارلىق 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنى كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناتقۇزماقتا.

مۇخبىرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز نان بايلىقىنى داۋاملىق جانلاندۇرۇپ، نان سۈپەتلىك ماركىسىنى يارىتىپ، نانچىلىقنى ياخشى راۋاجلاندۇرىدىكەن. شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ بىرلىشىپ قايتا تەشكىللىنىشىگە ئىلھام بېرىپ، ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يەككە سودا - سانائەتچىلەر، ناۋايلارنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ