تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئالتىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 10 -قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

«ئالتىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 10 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى نۇقتىلىق ۋىلايەت، شەھەرلەرنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ھالىتى بىلەن، مەخسۇس كۈرەشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش تەكىتلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك باھالاش كېرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەپ، «100 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش» «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇش» قاتارلىق خىزمەتلەردە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈش، ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ قويۇۋەتمەي، ئىدىيەدە، مەخسۇس ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، مەخسۇس كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بايراق روشەن بولۇش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «ئالتىنى تۈگىتىش ھەرىكىتى» نىشان - ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، «ئاخىرغىچە تۈگىتىش، پاكىز تۈگىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خاس ۋەكىل ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە ھەردەرىجىلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئىشخانىلىرى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، رەھبەرلەر ئالاقىلىشىش نۇقتىسى ۋە خاس ۋەكىل ئەۋەتىپ نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا نازارەت قىلىش، ئەجەللىك يېرىنى نازارەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەش لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرىدىن جاۋ چىڭ، ۋاڭ مىڭشەن، جاڭ ۋېنچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ