تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى - سىرتى چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما. 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ئىقتىساد، جەمئىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىدا، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش زۆرۈر بولغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر شەرھلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، دۆلەت ئىچى - سىرتى مۇھىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنىڭ ھەم بىر قاتار يېڭى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەم بىر قاتار يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى جۇشقۇن ئەۋج ئالماقتا. ئىلگىرى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بازار ۋە بايلىقتىن ئىبارەت ئىككى باش سىرتتا بولۇش ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىش دۆلىتىمىزنىڭ سىجىل تېز تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقى مۇھىت ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا بار بولغان مۇھىم ئامىل ئەۋزەللىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بازار ۋە بايلىقتىن ئىبارەت ئىككى باش سىرتتا بولغان خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىدى، ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىغان بىرى پەسەيسە، بىرى كۆتۈرۈلۈش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. 2008 - يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشقا قاراپ ئۆزگەردى، دائىملىق تۈرلەر ئاكتىپ بالانىسىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىلەن بولغان سېلىشتۇرما نىسبىتى 2007 - يىلىدىكى %9.9تىن ھازىرقى %1كىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يەتتە يىل %100تىن ئاشتى. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، ئىچكى بازارنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىدۇ.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغان، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلىگەن ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئىگىلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىنىش كېرەك. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيە تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز دۇچ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش نۇقتىسىدىن يەنىمۇ تونۇشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دەل بىز ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىر، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم يول، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتا بەرپا قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللاش. يەنە شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش ئۆزئارا باغلىنىشلىق، بىرىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان پۈتۈن گەۋدە، جەزمەن دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ھازىر يەرشارىۋى بازار تارىيىۋاتقان تاشقى مۇھىتتا، بىز جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، شۇ ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە ئىچكى ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئورنى سىجىل ئۆسىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى تەمىنلەيدىغان بازار پۇرسىتى تېخىمۇ كېڭىيىپ، خەلقئارا تاۋار ۋە مۇھىم ئامىللار بايلىقىنى جەلپ قىلىدىغان غايەت زور تارتىش كۈچى مەيدانىغا ئايلىنىدۇ.» دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش دەل ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا قىلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كەم - كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياج دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، مۇكەممەل ئىچكى ئېھتىياج سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كۈچەپ قويۇپ بېرىش كېرەك. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىشتا، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ۋە يول باشلاش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا تايىنىپ تەرەققىياتتىكى بوغما ھالەتنى تۈگىتىش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى مۇجەسسەملەش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەقسىمات، ئوبوروت، ئىستېمالدا ئىچكى بازارغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئېھتىياج تەمىناتنى يېتەكلەيدىغان، تەمىنات ئېھتىياجنى يارىتىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئادەم ئىرادىلىك بولسىلا، قاتمۇقات توسالغۇ، ئېگىز تاغلاردىن ھالقىپ مەنزىلگە يېتەلەيدۇ. خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، پۇرسەت ئېڭىمىز ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر قانچە ئېغىر بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان نىيەت - ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، خىرىس ئىچىدىن پۇرسەت ئىزدەپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرسەكلا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، مۇقەررەر تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ