تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلىنىپ، ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىمتىھانى ياخشى بېرىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، ياڭ شۇخەن، ۋاڭ جېن، ئەن شىيۈ، جانبۇلات ماناربېك

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئاياغ ئارا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن نۇرمەمەتنىڭ نەزەرىدە، بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۇ ۋە يۇرتداشلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدا كۈتۈۋالغان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار دائىم دەيدىغان «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش»تىن ئايرىلالمايدىكەن.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، يېزىلاردىكى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنىڭ قالدۇق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.

ئاجىز تۈرلەر كۈچەيتىلىپ، كەسىپ ئاساسى پۇختىلاندى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاچقۇچ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ كەسىپ ئاساسى نىسبەتەن ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەدبىر، يىراق كەلگۈسى پىلاننى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇخبىرلار پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا بارغاندا، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسرايدىغان 360 تونۇرنىڭ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى كۆردى. بۇ يەردە «نان كەسپى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش + نامراتلارنى يۆلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش + ساياھەت - ئىستىراھەت» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى قوللىنىلغان ئىكەن. كەسىپلەر باغچىسىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 260 مىڭ نان يېقىلىدىكەن، 60 مىڭى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىچكىرى رايونلارغا سېتىلىدىكەن؛ تەتقىق قىلىپ ئاچقان نان تۈرى 120گە يەتكەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى ئارقىلىق نان يېقىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرەلەيدىكەن، چاي ئىچكەچ نانلارنى تېتىپ باقسىمۇ، نان يېقىشنى سىناپ باقسىمۇ، ئەنئەنىۋى نان ياكى نان يېقىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدىكەن.

«بۇلتۇردىن باشلاپ، پەيزاۋات ناھىيەسى نان كەسپىنىڭ تەرەققىيات يولىنى توغرا تېپىپ، بىكار تۇرغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىغا ئۆزگەرتىپ، ناچار مۈلۈكنى جانلاندۇردى، يەنە 1200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نان كەسپىنى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئىتتىرگۈچكە ئايلاندۇرىمىز» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى پاڭ شۆچىن.

قەشقەردىن خوتەنگىچە، دۆلەت يولى 315 - لىنىيەسى يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش قاتارلىق بىرنەچچە ناھىيەدىن ئۆتىدۇ. كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، بۇ ناھىيەلەرنىڭ نۇرغۇن خاس كەسىپلىرى كىچىكلىكتىن زورايدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى.

مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت يىلىغا 19 مىليون تاۋار توشقان بېقىپ، 5000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان. گۇما ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى چىڭچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، گۇما ناھىيەسىنىڭ ئائىلە باقمىچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولدى، ھازىرقىدەك ئىنچىكىلەشكەن، كۆلەملەشكەن، كۆپ مەنبەلەشكەن، سۈپەتلىك ماركىلاشقان كەسىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرەلىشىدىكى سەۋەب خوتەن ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «100 مىڭ، 1 مىليون، 10 مىليون، 100 مىليون» دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك يېتەكچى كەسىپ توپىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىپ، خاس چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىدىكى بىر قىسىم كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاشۇرۇلدى

نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن يۇقىرى سۈپەتلىك قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشتا.

پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان ئاقتۇ ناھىيەسى بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3400 مېتىر بولۇپ، «بۇلۇتلار ئارىسىدىكى يۇرت» دەپ ئاتالغان. بۇ يېزىنىڭ سۇنىڭبېشى كەنتىدىكى بېيىش باشلامچىسى ساۋۇت سېتىۋالدىنىڭ ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى تەسىراتى چوڭقۇر، بۇ بىرنەچچە يىلدا، يۇرتداشلارنىڭ بەزىلىرى چېگرا قوغدىغۇچى بولدى، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، بەزىلىرى ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللاندى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ھەر ئايدا تاپىدىغان پۇلى بار بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئاكتىپلىقى بارغانسېرى ئاشتى.

«ئاپتونوم رايون ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى. بىزدە ئۆزگىچە ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكى ۋە چارۋىچىلىق، ساياھەت بايلىقى بار، بىر تەرەپتىن ئاممىغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتۇق، بىر تەرەپتىن پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، پارتىيە ئەزالىرى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەيدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدۇق. كادىرلار تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى» دېدى بۇلۇڭكۆل يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى ۋېنجۈەن.

«كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، «تىزىملىك شەكلىدىكى» تەربىيەلەش، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمگەكچىلەرگە مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىدىغانلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش بېيىش باشلامچىلىرى، مەدەنىي كەيپىياتنى تارقاتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى قوزغاتتى.

يىراق كەلگۈسىگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنىڭ پۇختا بولغان - بولمىغانلىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنىڭ مۇستەھكەم بولغان - بولمىغانلىقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ «سۈپىتى»گە چېتىلىدۇ.

«كەنتىمىز ئەسلىدە نامرات كەنت ئىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ، پۈتۈن ناھىيەدە داڭقى چىققان ئىلغار كەنتكە ئايلاندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئازايمىغانلىقىنى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. ئاممىدا نېمە كەم بولسا، ھۆكۈمەت شۇنى تولۇقلىدى؛ ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، كادىرلار شۇنى يەتكۈزۈپ بەردى» دېدى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى باغچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ساتتار خالىق 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى.

مۇخبىرلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن گەۋدە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە كۆزىتىلىدىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى كۆزدە تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىنىپ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىگە، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇس ئىچىدە يېڭى نامراتلىقنىڭ يۈزبەرمەسلىكىگە، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ سىجىل مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى. نامرات رايونلار ۋە نامرات نوپۇس ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەھەتتە پەرقلەرنى تېپىپ چىقىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشكە كۈچەپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بىلەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىمتىھانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى