تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا پۈتۈلگەن ياشلىق ناخشىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى رايىدە، سۇڭ ياۋېن

ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى زور بىر تۈركۈم ھەر مىللەت ياشلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلماقتا، ئۇلار «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتە ئاساسىي كۈچ بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا تالانتىنى نامايان قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشماقتا.

كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇش

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى كۈكەرىن كەنتىدىكى قارا مور ئۆستۈرۈش بازىسىدا مۇغاللا بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ياڭ جىجيې نامرات ئاھالىلەرنى باشلاپ قارا مور ئۈزۈۋاتاتتى.

2014 - يىلى، ياڭ جىجيې يۇرتى گەنسۇدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا كېلىپ، مۇغاللا بازىرىدا يىلتىز تارتتى. 2019 - يىلى، مۇغاللا بازارلىق ھۆكۈمەت قارا مور كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدى، ياڭ جىجيې بازا مەسئۇلى بولدى.

بۇ بازا بۇ يىل 4 - ئايدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 88 زاۋۇت ئۆيى بار، ھەر بىر زاۋۇت ئۆيىگە 30 مىڭ خالتا زەمبۇرۇغ قويۇلغان. «ھازىر قارا موردىن 2 - قېتىملىق ھوسۇل ئېلىشىمىز، 1 - قېتىملىقتا 12 توننا ھوسۇل ئېلىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدۇق، بۇنىڭ بىلەن 1144 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ياڭ جىجيې كۈلۈپ تۇرۇپ.

«ئۆگەنگەنلىرىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ياڭ جىجيې قەتئىيلىك بىلەن.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارا تۆڭگە بازىرى تاش باستاۋ كەنتىدىكى شامالگۈل دېھقانلار كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قازاق مىللىتىنىڭ ھەرخىل قول كەشتىچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى تەل ئىدى. «بۇلارنى ئاپام باشقا كەشتىچى ئاياللار بىلەن بىللە كەشتىلىگەن، مەن سېتىشقا مەسئۇل» دېدى شامالگۈل بولات.

بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن شامالگۈل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرغان. «مەن يۇرتۇمنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ، ئۇنى كەشتىچىلىك ھۈنىرى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا ئايلاندۇرسام دەيمەن.» شامالگۈل مۇنداق دېدى: «ھازىر، زاكازلىرىمىز بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى 13 كەشتىچى ئايالنىڭ ھەممىسىنىڭ كىرىمى ئاشتى».

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە شامالگۈلگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ئىگىلىك تىكلەيدىغان ياشلار بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئويلاشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلاندى» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خوۋ يەنپىڭ.

يېڭى تەپەككۇر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن ئاراپات...» 8 - ئاينىڭ بېشىدا چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېمىل يېزىسى كۆك جايداق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئاراپات ئالىمجان ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە يۇرتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سۈرەتكە تارتتى. 2018 - يىلىدىن باشلاپ، ئاراپات تور ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تونۇشتۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نەچچە مىليون مەستانىسى بار بولدى. 6 - ئايدا ئاراپات ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەشكىللىگەن توردا مال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئىككى سائەتتە نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك قۇرۇق ئۈزۈم ۋە قوغۇن ساتتى.

شىنجاڭدا ئاراپاتقا ئوخشاش مۇشۇنداق ياشلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئۈچ قارار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئىجادكارلىرىنى تەربىيەلەش لاگېرى ئۇيۇشتۇرۇپ، توردا مال تونۇشتۇردىغان 127 ياش دىكتورنى تەربىيەلەپ، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ 50 نەچچە مەيدان توردا مال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى، سېتىلغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتى سوممىسى 4 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

«مەن بەك ئالدىراش، شىركەتنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىمەن، ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلارغا دەرس ئۆتىمەن، يەنە ئەتراپتىكى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ دېھقانلارغا توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش ماھارىتىنى ئۆگىتىمەن» دېدى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاناخان ئەلى. 2016 - يىلى، ئۇ قەشقەر يىجيارېن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنى قۇرغانىدى.

ئاناخان دېھقانلارنىڭ چىلان، ياڭاق، شىنمېي قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشىغا ياردەم بەردى، يەنە ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈردى. «تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى تور دەۋرىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئاناخان.

يېڭى ماھارەتنى قولمۇقول ئۆگىتىش

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ليۇ يەن خاتىرە دەپتىرىنى ئېلىپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلدى. «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ليۇ يەن توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى، 2019 - يىلى، ئۇ قىزىلنۇر كەنتىگە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى بولۇپ تۇرۇشقا ئەۋەتىلدى.

ليۇ يەن كەنت ئاھالىسى كېرەم مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ كالىغا يەم بېرىۋاتقان بولۇپ، كالىلىرى ناھايىتى سېمىز، تىمەن ئىدى.

كېرەم كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئىلگىرى ئائىلىسىدىكى ئالتە جان ئادەم ئون نەچچە مو تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بۇلتۇر زىيارەت قىلغاندا، ليۇ يەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ بىكار تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كېرەمنى كالا بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى. كېرەم كالا بېقىشقا تايىنىپ 60 - 50 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. «ھېلىمۇ ياخشى ليۇ يەننىڭ ياخشى چارىسى بولغاچقا، ئائىلىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدى». كالا قوتىنىدىكى كالىلارغا قاراپ خۇشاللىقىنى باسالمىغان كېرەمنىڭ دېمەكچى بولغىنى چىرايىدا ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بەشكەنت بازىرى ساڭبازار كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى پەن خەي مۇنداق قارىدى: نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشتۇر.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، 27 ياشلىق پەن خەي تەشكىل تەرىپىدىن كەنتتە تۇرۇشقا ئەۋەتىلدى. ئۇ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نامرات ئائىلىلەرگە «ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ بەردى، يەنە ئۇلارغا يېڭى ئىقتىدار، يېڭى ماھارەتلەرنى قولمۇ قول ئۆگەتتى، ئىگىلەتتى.

پەن خەينىڭ تۈرتكىسىدە، ساڭبازار كەنتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنت دەرىجىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، 1936 ئادەمنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى