2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى يايلاق تاش شەھىرىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شې شىمىن خەۋىرى، فوتوسى) جېمىنەي ناھىيەسى يايلاق تاش شەھىرى ناھىيە بازىرىنىڭ 40 كىلومېتىر جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ھەيۋەتلىك، گۈزەل گېئولوگىيەلىك مەنزىرە، ئۆزگىچە يايلاق گۈل دېڭىزى، ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، سىرلىق تاش ئۆڭكۈردىكى مۇقەددەس بۇلاق قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرىلەر بار. باش كۈزدە، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى يايلاق تاش شەھىرى يەنىلا يېشىللىقققا چۆمگەن بولۇپ، كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ئاستىدىكى يايلاق بىلەن گىرەلەشكەن، شەكلى غەلىتە تەسۋىرىي تاشلار ئۆزئارا گەۋدىلىنىپ، گۈزەل تەبىئىي مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.