تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ «ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش»نى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ھەر ئادەمگە ھەر ئايدا 300 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 34-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاڭ خېڭيى كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە قوللانغان تەدبىرلەرنى تونۇشتۇردى.

  تاڭ خېڭيى مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولغان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، كەڭ كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاش، كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش سىياسىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  بىرىنچى، تولۇقلىما تارقىتىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنىڭ ئەزالىرى، مەكتەپتىن ئايرىلغىنىغا ئىككى يىل بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلارنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى؛ قىيىنچىلىقى بار كارخانىلار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرى نىسبەتەن زور بولغان تاشقى سودا، تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت-ساياھەت، قاتناش-تىرانسپورت، توپ-پارچە سېتىش قاتارلىق كەسىپلەردىكى كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى؛ خادىم ياللىغان ۋە ئورۇن شەكلىدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى. ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشتە ئادەم سانىغا ئاساسەن، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 300 يۈەن، ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئالتە ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش تولۇقلىمىسى بەردى. تولۇقلىمىغا ئىلتىماس قىلىش، قوبۇل قىلىپ بېجىرىش مۇددىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، تولۇقلىما تارقىتىش تەرتىپى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئىش ئورنىدا تەربىيەلەش  مەبلىغىنى تارقىتىش ئاي بويىچە ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە مەبلەغ ئاجرىتىش شەكلى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر قاراشلىق رايون (ناھىيە)دىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا تىجارەت كىنىشكىسى، ئىش ئورنىدا تەربىيەلىگەن خادىملار تىزىملىكى، شۇ ئايلىق تارقاتقان مائاش ھېسابات تالونى ياكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىمزا قويغان ھەم مالىيە تامغىسى بېسىلغان مائاش جەدۋىلى، شۇ ئايلىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تەپسىلىي خاتىرىسى ۋە بانكىدا ھېساب ئاچقان ئاساسىي ھېسابات ئۇچۇرلىرى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرسا، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

  ئۈچىنچى، سىياسەت، ئۇچۇرلار ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. سىياسەتنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى تولۇقلىما مەبلىغىگە ئىلتىماس قىلىش كۆرسەتمىسى» ۋە «كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى تولۇقلىما سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈش» قاتارلىق سىياسەت ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى، كۆپچىلىك «ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى (乌鲁木齐市人社局)»نىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنى قوشۇپ تەكشۈرسە بولىدۇ.

  «شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈرۈمچىدىكى كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋاقتىدا قاراشلىق رايون (ناھىيە)لۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ، ناۋادا سىياسەت ماددىلىرىغا قارىتا سورايدىغان سوئاللىرى بولسا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تېلېفونى 4680702-0991گە تېلېفون بېرىپ مەسلىھەت سورىسا ياكى تۇرۇشلۇق رايون (ناھىيە)دىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ» دېدى تاڭ خېڭيى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ