تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىز ھاياتلىقنى قوغدىدىڭىز بىز سىزنى چىن قەلبىمىز بىلەن ئاسرايمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، چاۋ جىن

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە تېببىي خىزمەتچىلەرنى قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ سەمىمىي غەمخورلۇقنى بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خىزمەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالدىنقى سەپنى قوللاپ، دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئۇلارنى باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تولۇپ تاشقان زېھنىي كۈچىنى ساقلاپ، سىجىل ساغلام ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

تۇرمۇشىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئەۋەتىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2023 دوختۇر - سېسترا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتنىشىپ، كېسەل ئالۋاستىسى بىلەن ئېلىشتى.

3 - دەرىجىلىك مۇداپىئە كىيىمىنى كىيگەندە، تەر كۆز قوغداش ئەينىكىنى بويلاپ شۇرقىراپ ئاقىدۇ؛ ئاغرىقلار رايونىغا كىرگەندە ئالتە - يەتتە سائەتكىچە يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، تېرىلىرىنى قاتمۇقات تاتۇققا ئوخشاش ئىزلار قاپلاپ كېتىدۇ؛ جىسمانىي جەھەتتىكى ئېغىر يۈك، پىسخىك جەھەتتىكى ئېغىر بېسىم... دوختۇر - سېسترالارنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشى، تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 18 مېھمانخانىنى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جاي قىلىپ، 51 مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىمنى تاللاپ ئەۋەتىپ، تۇرۇشلۇق مېھمانخانىدا مۇلازىمەت كاپالىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، تۇرۇشلۇق جاينى تازىلاپ دېزىنفېكسىيەلەش، ئەسلىھەلەرنى ئاسراشنى قانات يايدۇردى، تېببىي خادىملارغا مۇۋاپىق تاماق تەييارلاپ، ئوزۇقلۇقىنى كۆپەيتتى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلىپىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

شىنجاڭ كادىرلار شۆيۈەنى(تەشكىلات خىزمىتى سارىيى) مۇلازىمەت كاپالىتى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ گوشىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە بىر باغلام ساغلاملىق ئارخىپى دۆۋىلەنگەن بولۇپ، دوختۇر - سېسترالارنىڭ تۈرلۈك بەدەن كۆرسەتكۈچلىرى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەنىدى. كاپالەت گۇرۇپپىسى 13 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق تېببىي داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، جىددىي كېسىلى قوزغالغان دوختۇر - سېسترالارنى بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزۇپ داۋالىدى.

دوختۇر - سېسترالارنىڭ بېسىمنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى ئاجرىتىپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش كەسپىي كوللېكتىپى تەشكىللەپ، توردا مەسلىھەت بېرىش، تور سىرتىدا بىرگە بىر پىسخىكىلىق يېتەكلەش، تېلېفوندا، ۋىيشىندا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، داۋالاش ئەترىتى خادىملىرىنى پىسخىكىلىق ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋالاش سەييارە ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەر كۈنى تۇرۇشلۇق مېھمانخانىلارغا بېرىپ دوختۇر - سېسترالارغا قارىتا سەييارە داۋالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دوختۇر - سېسترالارغا جۇڭيى قايناتما دورىسى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇردى.

ئىنچىكە غەمخورلۇق دوختۇر - سېسترالارنىڭ ۋىرۇس بىلەن ئېلىشىشىدىكى غايەت زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، دوختۇر - سېسترالارنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئاغرىقلار بىر - بىرلەپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

بىخەتەرلىكىڭىزگە مەن مەسئۇل بولىمەن

مۇداپىئە كىيىمى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ جەڭ كىيىمى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تېببىي خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي مۇداپىئەلىنىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش، نۇقتىلىق بىرىنچى سەپكە كاپالەتلىك قىلىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش»نى تەلەپ قىلدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، تەڭشەپ تەقسىملەش، بازارغا سېلىش، زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەڭشەپ تەقسىملەش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچە رايونىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەۋاتاتتى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەرقايسى كارخانىلار «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقاردى.

«مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇش، رايون بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، يېقىن ئەتراپتا تەڭشەپ تەقسىملەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز باشلامچى تېببىي دورا كارخانىلىرىنى ئاساس، باشقا تېببىي دورا سودىگەرلىرىنى قوشۇمچە قىلغان تېز تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى بەرپا قىلدى. ئاۋىياتسىيە شىركىتى «يولۇچى ئورنىغا مال توشۇش» ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى يۈك ئايروپىلانى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇدى؛ ئايرودۇرۇملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى... ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە كىيىمى، ئوپېراتسىيە كىيىمى، مۇداپىئە ماسكىسى (N95)، تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، كۆز قوغداش ئەينىكى، بىر قېتىملىق يۈز قوغداش توسۇقى قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى تەييارلىقى تولۇق.

ئائىلىڭىزدىكىلەردىن مەن خەۋەر ئالىمەن

ئۇلار دوختۇر، سېسترا، شۇنداقلا پەرزەنت، ئاتا - ئانا.

«سىلەر خاتىرجەم داۋالاپ قۇتقۇزۇڭلار، ئۆيۈڭلاردىكى ئىشلارغا بىز بار.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش» تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار تېببىي خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن قەرەللىك ئەھۋال سوراشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلە تەۋەلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ئىمكانقەدەر ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى «ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، سەھىيە - ساغلاملىق تارماقلىرى، شۇنداقلا ئەۋەتكۈچى ئورۇن ۋە تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، «بىرگە بىر» كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش بويىچە ئالاقىلىشىش مۇلازىمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، تېلېفوندا زىيارەت قىلىش، ۋىيشىندا ئالاقىلىشىش، ئائىلە تەۋەلىرىنى مەخسۇس زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتىكى تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

ليۇ ۋېنيا شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى بولۇپ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا خىزمەتكە ئاجرىتىلغان. ئۇنىڭ ئەڭ خاتىرجەم بولالمايدىغىنى 80 ياشلىق ئانىسى ئىدى. «بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كېلىپلا، مەن ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر خۇ شياڭخۇڭنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇ خاتىرجەم بولۇڭ، قانداقلا ئىش بولسا مەن بار، دېدى.» ليۇ ۋېنيانىڭ ئېيتىشىچە، خۇ شياڭخۇڭ ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئانىسىغا تاماق ئاپىرىپ بېرىدىكەن، ئەخلىتىنى تۆكىدىكەن، ليۇ ۋېنيا ئانىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، قەلبى مىننەتدارلىققا تولۇپتۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار مەركەزلىك دەم ئالىدىغان تۇرۇشلۇق جايغا ئىسرىق، جىددىي قۇتقۇزۇش دورا ساندۇقى، تەييار چۆپ، مىنېرال سۇ قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەپ يەتكۈزدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى ئايال تېببىي خادىملارغا ئاياللار بۇيۇملىرى ۋە يۇيۇش - چايقاش بۇيۇملىرى «قەلبنى ئىللىتىش سوۋغىسى» يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر - سېسترالارنىڭ مەكتەپ(باشلانغۇچ، تولۇقسىز)تە ئوقۇۋاتقان 361 پەرزەنتىگە ئۆگىنىش بۇيۇملىرى، كىتاب قاتارلىقلار قاچىلانغان ئوقۇش «مېھىر - شەپقەت سوۋغىسى» تەييارلاپ، ئۇلارغا ئوقۇش باشلاش سوۋغىتى بەردى؛ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش خىزمىتى مەخسۇس بەنزىسى قۇرۇپ، ھەربىر دوختۇر - سېسترانىڭ ئائىلىسىگە ئىككىدىن ھۆددىگە ئېلىپ ئالاقىلىشىدىغان كادىر سەپلەپ، ئۇلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ تېزھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى...

قەغەز قىيما، رەسىم، خەت - چەك، سىن... شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەت سادالىرى، ئىلھام بېرىپ توۋلاشلىرى، شۇنداقلا چوڭقۇر بەخت تىلەش ھېسسىياتى مۇجەسەملەنگەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەسەرلىرى تور ئارقىلىق تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ھەربىر دوختۇر - سېستراغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

«دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەش، دوختۇرلارنى ئاسراش دوختۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياخشى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەتتە، ھەربىرىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈندۇر» دېدى خۇ شياڭخۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ