شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «ئونمىڭ كارخانا ئونمىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» تىزىملىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىگە قاتناشقان پۇقراۋى كارخانا 1345كە يېتىپ، ياردەم بېرىش - يۆلەشكە ئېرىشكەن نامرات كەنت جەمئىي 1342 بولغان؛ 73 مىڭ 610 ئائىلىلىك 266 مىڭ 321 نامرات دېھقان - چارۋىچىغا ياردەم بەرگەن، يۆلىگەن؛ كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغى 1 مىليارد 947 مىليون 780 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
2015 - يىلى 10 - ئايدا، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىقلار «ئونمىڭ كارخانا ئونمىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق پۇقراۋى كارخانىنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بەردى. 2016 - يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىز «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى ماس ھالدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك پۇقراۋى كارخانىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى ھەرقايسى جايلاردىكى نامرات كەنتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ قوشماقلىشىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خاس كەسىپ شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق ئورتاق بەرپا قىلىش شەكىللىرى ئارقىلىق تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشقا يېتەكلىدى. كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش ئوبيېكتلىرىغا يۈزلىنىپ ئىشچى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامرات كەنتلەردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، «كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بۇ يىل «پۇقراۋى كارخانىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، پائال يېتەكلەپ، «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ياردەم بېرىش - يۆلەش شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىل، تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى، ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل ۋە بۇيۇم ئىئانە قىلىشتىن نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىگە تەرەققىي قىلىپ، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى. شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت - سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كېرىيە ناھىيەسىدىكى نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەۋاتقان 12 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 700دىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ گۇاڭخۇي گۇرۇھى ئىچكىرى رايونلاردىكى ھەمكارلىشىۋاتقان ئالتە كارخانىنى باشلامچى بولۇپ كىرگۈزۈپ، خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتىدىن ئوننى قۇرۇپ، 4500دىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.