تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ئۆز تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە سېتىش يوللىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاچتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى چاڭدا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لەن، لو ياڭشۆ، خې داۋېي خەۋىرى): ھازىر دەل كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىپ، بازارغا سالىدىغان ئاۋات مەزگىل، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)لەر ئۆز تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆكتاتچىلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كۆكتاتچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ۋىلايەتتىكى چوڭ ئېتىزلاردىكى كۆكتاتلىق كۆلىمى 29 مىڭ 400 مو بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرى، تاللا بازار، خەلققە قولايلىق كۆكتات دۇكانلىرىنى تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولماقتا.

توردا، تور سىرتىدا سېتىش ئالدىراشچىلىقى

ئالتاي شەھىرىدە، «توردا زاكاس قىلىش، تور سىرتىدا مال بىلەن تەمىنلەش»تەك ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، كۆكتاتچىلار بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدا تەمىنلەش ۋە سېتىش كۆۋرۈكى سېلىندى. خوڭدۈن بازىرى بۆكىن بۇلاق كەنتىدىكى كۆكتاتچى جۇڭ چۇڭسەي ۋېيشىندا 200 كىلوگىرام كۆكتاتقا زاكاز قوبۇل قىلدى. ھازىر، ئۇ كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، سېتىش نۇقتىلىرىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. جۇڭ چۇڭسەي مۇنداق دېدى:«بۇ خىل سېتىش ئەندىزىسى بىز ئۈچۈن ھەم قولايلىق، ھەم ئاسان بولدى».

جۇڭ چۇڭسەي ئىككى كۆكتات پارنىكىغا خاڭگا، شوخلا، دۇجۇر، سۇڭپىياز قاتارلىق كۆپ خىل كۆكتاتلارنى تېرىغانىدى. پارنىك كۆكتاتلىرى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ئۇ كۆپ قېتىم توردىكى يوللار ئارقىلىق ساتتى.

«توردا مال زاكاز قىلىش، تور سىرتىدا مال بىلەن تەمىنلەش»تىن ئىبارەت سېتىش ئەندىزىسى بۆكىن بۇلاق كەنتىدىكى 87 ئائىلىلىك كۆكتاتچىنى خاتىرجەم قىلدى، سېتىش يولى كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۆپچىلىك پەقەت ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتسىلا بولىدىغان بولدى.

كۆكتات توپ سېتىش سودىگىرى ليۇ شىنجاڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئاغزاكى كېلىشىم، نەق پۇل سودىسى قىلاتتۇق، ھازىر ۋېيشىن سۇپىسى ئارقىلىق، قانداق كۆكتات كېرەك، قانچىلىك كېرەك بولسا، ۋېيشىندا دېيىشسەكلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا پۇل تۆلەشمۇ ناھايىتى قولايلىق». ئىگىلىنىشىچە، بۆكىن بۇلاق كەنتىدە 70 نەچچە كۆكتات پارنىكى بار بولۇپ، ھەر كۈنى سەككىز توننا ئەتراپىدا كۆكتات چىقىرىلىدىكەن.

سودىگەر بىلەن دېھقانلار ھەمكارلىقىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش

بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بۇرچىن بازىرىدىكى چېيكېتەي كۆكتات تېرىقچىلىقى بازىسىدا، يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى چەيزە، لازا، جاڭدۇ قاتارلىق كۆكتاتلار ناھايىتى ياخشى ئۆسكەنىدى. بۇرچىن ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق كۆكتات چىقىدىغان جايلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن كەنت بويىچە 20 نەچچە خىل كۆكتات بازارغا سېلىندى، ھەر كۈنى 10 توننىغا يېقىن كۆكتات ناھىيە بازىرى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلارغا توشۇلۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك-تاق»لىرىنى موللاشتۇرىدۇ.

كۆكتاتلارنىڭ بازارغا ۋاقتىدا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇرچىن ناھىيەسى «شىركەت+دېھقان+بازار» تىجارەت ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، شىركەت ئاساسلىقى كۆكتات تۈرلىرىنىڭ ئوبوروت، سېتىلىش قاتارلىق ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆكتات بازىرىنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، كۆكتاتچىلارنىڭ كۆكتاتلىرىنى ئۇدۇللاپ سېتىۋالدى. 20 نەچچە يىللىق كۆكتات تېرىش تەجرىبىسىگە ئىگە كۆكتاتچى ليۇ خۇڭرۇڭنىڭ 40 نەچچە پارنىكى بار بولۇپ، ھازىر دابەسەي، كۇڭشىنسەي، ئاق لوبو قاتارلىقلار پىشقانىدى. ليۇ خۇڭرۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ھەر كۈنى شىركەت تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن كۆكتات ئۈزىدۇ».

بۇرچىن ناھىيەسى بەيچېڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزى بۇ ناھىيەدىكى كۆكتاتلارنى يېڭى پېتى ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قېتىم 30 توننا ئەتراپىدا كۆكتات كىرگۈزۈپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ناھىيە بازىرى ۋە يېزا (بازار)دىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارىيى، تاللا بازىرى ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەش نۇقتىلىرىغا توپ ساتىدۇ. بۇ مەركەز جىددىي تەڭشەش-تىزگىنلەش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆكتات باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا ۋە كۈندىلىك تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«نۆۋەتتە، بەيچېڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ساتقان بارلىق كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىدە ئاپتونوم رايوننىڭ سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىندى ھەم باھا ئېنىق يېزىپ قويۇلدى؛ كۆكتات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركەز ئايلانما شەكىلدىكى ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۈنىگە 20 توننا ئەتراپىدا ساتتى» دېدى بۇرچىن ناھىيەسى كۆكتات زاپاس ساقلاش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى يەن شيۇمېي مۇخبىرغا.

خىزمەت ئەترىتى خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كۈچ قوشتى

بۇ يىل قابا ناھىيەسىدىكى 650 مودىن ئارتۇق تاۋۇزنىڭ مۆلچەرەن مەھسۇلات مىقدارى 1960 توننىغا يېتىپ، مول ھوسۇل ئېلىندى.

جايلىما يېزىسىدىكى تاۋۇزچى دېھقان لى جىچى مۇنداق دېدى:«بۇ يىل مەن 24 مو يەرگە تاۋۇز تېرىدىم، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى تۆت توننا ئەتراپىدا، مەھسۇلات مىقدارى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يېزا كادىرلىرى ۋە ‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئېتىزغا باشلاپ كەلدى، ھازىر 60 توننا تاۋۇز ساتتىم». «بىز ۋېيشىن، QQ قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، يېزىدىكى يېشىل زىيانسىز تاۋۇزنى پائال تونۇشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بەردۇق. ھازىر، دېھقانلارنىڭ تاۋۇزىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى ياخشى» دېدى قابا ناھىيەسى جايلىما يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لى شىنشىن.

سارتام يېزىسى ماخۇ كەنتىدىكى تاۋۇزچىلارمۇ كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى، قابا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، تاۋۇز سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. «بۇ يىل 45 مو يەرگە تاۋۇز تېرىدىم، كەنت كادىرلىرى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يېرىمىدىن كۆپرەكى سېتىلدى». ماخۇ كەنتىدىكى تاۋۇزچى دېھقان لى خۇ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، كەنت مەخسۇس تاۋۇز تېرىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلىدى، كەنتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەن باشقا بەش ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بىلەن جەمئىي 200 مودىن ئارتۇق يەرگە تاۋۇز تېرىدىم».

دېھقانلارنىڭ ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى، كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماخۇ كەنتىنىڭ «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى «توردا، تور سىرتىدا» سېتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىر تەرەپتىن، كادىرلار، ئاممىنى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ «توردا» تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ناھىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مېۋە ـ چېۋىلەرنى «تور سىرتىدا» سېتىش سالمىقىنى ئاشۇردى.

«‹توردا+تور سىرتىدا› سېتىش ئارقىلىق، تاۋۇزنىڭ زاكاز تالونى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 200 نەچچە مو يەردىكى تاۋۇزنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئېرمېك تالغات.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ