تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى: ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 32-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى خۇاڭ داخاۋ يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇش، قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

  خۇاڭ داخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ساداسىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئارزۇ-تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەر قوللىنىلدى:

  بىرىنچى، ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپ يوللىرى كېڭەيتىلدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە قوماندانلىق قىلىش ئىشتابىنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيە تېلېفونى (2351002، 2202370 - 0991)، 12345 شەھەر باشلىقى مەخسۇس لىنىيەسى، 12315 ئىستېمالچىلار قىزىق لىنىيەسى، 3016111 پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفونىنى ۋاقتىدا تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ مەسلىھەت، ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، سىياسەتنى چۈشەندۈرۈشنى قانات يايدۇردى ھەم پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)، كوچا باشقارمىسى (يېزا-بازار)، مەھەللە (كەنت) مەسئۇللىرىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونلىرىنى خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى سۈپىتىدە داۋاملىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىكى كونكېرت قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە توردىكى ئارزۇ-تەلەپ يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى، شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىي شەھەر 12345 يانفون Appسى، مەركىزىي شەھەر 12345 ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى، ئۈرۈمچى 12345 مىكرو بىلوگى ياكى شەھەر باشلىقى خەت ساندۇقى قاتارلىق يوللار ئارقىلىقمۇ ئىشلاردىن مەسلىھەت سورىسا ياكى مەسىلە ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

  ئىككىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىك كۈچەيتىلدى. مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش، بىرتەرەپ قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇچۇر قايتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەخسۇس مەسئۇل قىلدى، ھەمدە ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىن مەخسۇس خىزمەت بەنزىسىنى ماس ھالدا قۇرۇپ، خادىملار كۈچىنى تولۇق سەپلەپ، ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى، يۇقىرى-تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئادەمگىچە مەسئۇل بولىدىغان ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۈچىنچى، بىرتەرەپ قىلىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلدى. ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش كاپالىتى، ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش، ئۈرۈمچىگە قايتىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرگە ئايرىدى ھەم مەسىلىنىڭ جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە جىددىي، جىددىي بېجىرىلىدىغان، ئادەتتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە بۆلدى. دەرىجىگە بۆلۈپ مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، كىم ئاساسلىق باشقۇرسا، شۇ مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئايرىپ ھۆكۈم قىلدى، ھەم تەرتىپ بويىچە تۈرگە ئايرىپ بىرتەرەپ قىلدى. ھارقايسى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش يوللىرى فۇنكىسىيەلىك ئىش تەقسىماتى بويىچە ئارزۇ-تەلەپ مەزمۇنىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئارزۇ-تەلەپلىرى ياكى مەسلىھەت سورىغان ئىشلىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىرىغا دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە نەق مەيداندا ئېنىق جاۋاب بەردى، نەق مەيداندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىرىنى بېجىرىشكە يوللاش ھالقىسىغا كىرگۈزدى. ھەرقايسى رايون (ناھىيە) ياكى ئالاقىدار ئورۇنلار بېجىرىشكە ئېھتىياجلىقلىرىنى تەرتىپ بويىچە تېزلىكتە بېجىرىشكە يوللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە جىددىي ئىشلارنى مەخسۇس خىزمەت بەنزىسىدىكى مەخسۇس كىشى ئىز قوغلاپ ماسلاشتۇردى، دەرھال قوبۇل قىلىپ، دەرھال بېجىرىپ، مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلدى، جىددىي ئىشلارغا مەسئۇل ئورۇن بېجىرىشكە يوللانغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۆت سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلدى ھەم بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۇقتۇردى، ئادەتتىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئورۇن بېجىرىشكە يوللانغان ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 12 سائەت ئىچىدە مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلدى ھەم بىرتەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جاۋاب قايتۇردى. شەھەر، رايون (ناھىيە) ئىككى دەرىجىلىك  مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى ئامما ئىنكاس قىلغان جىددىي، جىددىي بېجىرىلىدىغان ئىشلار ۋە تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇل بولدى، مەسئۇل ئورۇن قەرەلدىن ئۆتۈپ كەتكەن بېجىرىلىپ بولالمىغان ئىشلار قاتارلىقلارنى تەرتىپ بويىچە بېجىرىشكە ھەم قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  تۆتىنچى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلدى. خىزمەت كۈچلىرى تولۇق سەپلىنىپ، كۈچلۈك سەپلىنىپ، ئېلان قىلىنغان ئارزۇ-تەلەپ تېلېفونلىرى ۋە مۇلازىمەت تۈرىدىكى تېلېفونلارنى 24 سائەت قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولۇش، خاتىرىلەيدىغان ئادەم بولۇش، جاۋاب قايتۇرىدىغان ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەممە ئىشنى ھەل قىلىش، ھەممە ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپى بويىچە، مۇكەممەل بولغان بىرتەرەپ قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئامما ئىنكاس قىلغان ئارزۇ-تەلەپ مەسىلىلىرىنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلدى، بىخ ھالىتىدە پەسەيتتى. 12345 ھەر كۈنى ئاممىنىڭ ئىنكاس ئەرزىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ بولغاندىن كېيىن شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا يوللاپ بەردى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شەھەر دەرىجىلىك مەخسۇس خىزمەت بەنزىسى بىلەن ئاممىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بولغان نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى زورايتىپ،  مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئىستىلى تۇراقسىز، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قاچقان، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارغا قارىتا، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە كەسكىن تۈردە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى، جاۋابكارلىققا تارتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى