تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«چۈچۈمەل مېۋە» «ئالتۇن جىغان»غا ئايلاندى

چىڭگىل ناھىيەسى دېھقانلارنى جىغان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

«چۈچۈمەل مېۋە» «ئالتۇن جىغان»غا ئايلاندى

پىشقان جىغان مېۋىسى. (لى شۆلى فوتوسى)

شىنجاڭ جۇڭكې جىغان پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەھسۇلاتلارنى يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا (7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تارتىلغان). (لى شۆلى فوتوسى)

[تەھرىر ئىزاھاتى]

«كەسىپ تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، كەسىپ گۈللەنگەندىلا، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمى ئاندىن مۇقىم ئاشىدۇ.» ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس تېرىقچىلىققا، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر كەسىپنى ياخشى راۋاجلاندۇرغاندىلا، بىر تەرەپنىڭ ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جاينىڭ پۇقرالىرىنى بېيىتقىلى بولىدۇ.

بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ گېزىتى «خاس تېرىقچىلىققا قانداق كۈچەش كېرەك» سەھىپىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، دىققەتنى ھەرقايسى جايلارنىڭ خاس كەسىپلەرنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈپ زورايتىشىغا، ئاپتونوم رايونىمىز ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق كېڭەيتىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەتكە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ تىڭ

8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، چىڭگىل ناھىيەسىنى كېسىپ ئۆتكەن ئېگىزلىك، چوققىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان جىغانلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان شىرنىلىك مېۋىدىن ناھىيەنى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىدىغان خاس كەسىپكىچە، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى زادى قانچىلىك؟

چىڭگىل ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى يېتەكلەپ مۇشۇ يولدا مېڭىۋاتقىنىغا 20 يىل بولاي دېدى. بۈگۈنكى كۈندە كەڭ كەتكەن جىغان ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تېز سۈرئەتتە بەرپا قىلىندى، كۆلەملىك تىجارەت كۆلىمى 2001 - يىلىدىكى 5000 مودىن تەرەققىي قىلىپ نۆۋەتتىكى 100 مىڭ مودىن كۆپرەككە يېتىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ جىغان ھوسۇلى 5000 توننىدىن ئاشتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بىر ناھىيە كۆكەرتىش بىلەن بېيىتىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش يولىغا ماڭدى.

ئەتلىك جىغان مېۋىلىرىنىڭ شاخلارنى ئېگىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، چاغانغۇل يېزىسى كۆكئۆي كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئاھالىسى بولغان ۋاڭ جۈنخۇانىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىدا بۇ خىل مېۋىنى كۆپ ئۇچرىتاتتى، «قىرتاق ھەم بەك چۈچۈمەل بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى ئۇنى يەپ ئادەتلەنمىگەن بولۇپ، <چۈچۈمەل مېۋە> دەپ ئاتايتتى، ئادەتتە ھاراققا چىلاشقا ئىشلىتەتتى».

چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز بولۇپ، ئەينى چاغدا نۇرغۇن دېھقان - چارۋىچى ماتېرىيال قىلغىلى بولىدىغان تېرەك تىكىشنى تەلەپ قىلغانىدى، ئەمما ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يىراقنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەم دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىپ، كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇرغاقچىلىققا، ئۈنۈمسىز يەرگە چىداملىق جىغان ئۆسۈملۈكىنى كىرگۈزۈش ۋە كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

2001 - يىلى كىچىككىنە جىغان چىڭگىل ناھىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

دەسلەپكى مەزگىلدە سىناپ ئۆستۈرۈپ بېقىشنى خالايدىغان كەنت ئاھالىلىرى كۆپ بولمىدى. تېخنىكا كەمچىل، پەرۋىش يىرىك بولغاچقا، جىغاننىڭ سۈپىتى تەكشى بولماي، كۆڭۈلدىكىدەك پايدا ئېلىپ كېلەلمىدى. «بازار تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگىنى يىرىك پەرۋىش قىلىنغان تۆۋەن سۈپەتلىك جىغان ئىدى، بۇمۇ بىزنى ئەسكەرتتىكى، جىغان ئۆستۈرۈشتە قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك» دېدى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغان ئۆستۈرۈش تەتقىقاتىغا ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان ئالتاي ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋاڭ جيەن.

سورت كىرگۈزۈپ سىناق قىلىپ ئۆستۈرۈپ، كۆچەت يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىدىكى قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىش، كۆلەملەشكەن تەرەققىيات بازىسى قۇرۇش ئارقىلىق، جىغان چىڭگىل ناھىيەسىدە قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتتى.

2012 - يىلى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ دۆلەت ئەتلىك جىغان ئەلا سورت بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى. ھەر يىلى بۇ بازىنىڭ كۆچەت يېتىشتۈرۈش رايونىدا 3 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ئەتلىك جىغان ئەلا سورتلۇق كۆچىتىنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. 2015 - يىلى 9 - ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى شىرنىلىك مېۋە تەتقىقات مەركىزى چىڭگىل ناھىيەسىگە رەسمىي ماكانلاشتى. تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ليۇ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «جىغان تۈپى ئۆسۈپ بەلگىلىك باسقۇچقا كەلگەندە، كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى پارنىكقا كۆچۈرۈلىدۇ. بۇ خىل مەركەزلىك يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى جىغاننىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، تۆت - بەش يىلدىلا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ».

ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، چىڭگىل ناھىيەسى يەنە تارقاق يەرلەرنى بىرلەشتۈرۈش، ئەسلىھەلىك ئۆستۈرۈپ يېتىشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق بىرقاتار بىرىكمە مۇشتنى ئاتتى.

2013 - يىلى ئىككى يىل ئېكىنزارلىقتا يەر تېرىغان ۋاڭ جۈنخۇا جىغان ئۆستۈردى. يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئارقا - ئارقىدىن 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۆت يېزا - بازاردىكى 12 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ ھۆددىگە ئالدى، «ھازىر، جىغان بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىمىزدىكى <ئالتۇن جىغان>غا ئايلاندى!»

جىغان ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتىش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، چىڭگىلنىڭ جىغان كەسپىدە ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، بازار قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنى قانداق سەپلەش كېرەك؟ چىڭگىل ناھىيەسى بۇنىڭغا ھەرىكىتى بىلەن جاۋاب بەردى.

ئىختىساسلىقلار قەيەردە؟ دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن - تېخنىكا ساپاسى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ھەر يىلى ئون مەيدانغا يېقىن جىغان تېخنىكىسى مەخسۇس تېمىسىدىكى لېكسىيە ئۆتكۈزۈلۈپ، جىغاننى ئىلمىي كۆچۈرۈپ تىكىش، سۇغىرىش، پۇتاش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق پەرۋىش تېخنىكىسى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇلدى.

مەبلەغ قەيەردە؟ 2013 - يىلى چىڭگىل ناھىيەسى 30 مىليون يۈەن قەرز مەبلىغى ئاجراتتى، بۇ يىل يەنە ئەتلىك جىغان خاس باغ - ئورمانچىلىق كەسپى تەرەققىيات تۈرىگە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 30 مىڭ مو يەردىكى چېكىنگەن ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلەتتى.

بازار قەيەردە؟ چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغان سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ناھىيە ئالاقىدار تارماقلارنى ھەر خىل يەرمەنكە، كۆرگەزمە ئارقىلىق جىغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. ھازىر چىڭگىلدا ئىشلەپچىقىرىلغان جىغان يۈرۈشلۈكلىرى بويىچە ئۈچ چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل مەھسۇلات بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا نۇقتا بېكىتىلىپ سېتىلىۋاتىدۇ. «ئالاقە تورى +»دىن پايدىلىنىپ سېتىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، «شىنجاڭچە تەمنى ئىزدەش − تيەنماۋ جۈخۇاسۇەن مەخسۇس مېۋىلىك بېغى <چىڭگىل ئەتلىك جىغانلىرى>» قاتارلىق توردا سېتىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ، جۇڭگو جىغان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا كەسىپلەشتۈرۈپ سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

نۆۋەتتە چىڭگىل ناھىيەسى جىغان كەسپى باشلامچى كارخانىسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، تېز توڭلىتىلغان مېۋە، قۇرۇتۇلغان مېۋە، قويۇلدۇرۇلغان مېۋە شەربىتى، مېۋە مۇرابباسى، مېۋە شەربىتى ئىچىملىكى قاتارلىق ئادەتتىكى مەھسۇلاتلار، شۇنداقلا جىغان جەۋھىرى مېيى، مېۋە تالقىنى قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، جىغان پىششىقلاش مەھسۇلات قىممىتىنى 50 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى. باشلامچى كارخانىلار ھەر يىلى 400دىن ئارتۇق ئىش ئورنى، 6000دىن ئارتۇق پەسىللىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 4600 يېزا ئەمگەك كۈچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. جىغان كەسپى چىڭگىل ناھىيەسىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.

«ھەر يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدىن كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە، تۆت ئايدىن كۆپرەك ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن، ياخشى بولغاندا بىر كۈندە 500 - 400 يۈەن پۇل تاپالايمەن» دېدى چاغانغۇل يېزىسىنىڭ سار بۇلاق كەنتىدىكى بۇلغىنباي مەمنۇن بولغان ھالدا.

2018 - يىلى چىڭگىل ناھىيەسى ئارال ۋە ئاقدالادىن ئىبارەت ئىككى جىغان خاس كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ، خاس كەسىپلەر بىلەن ساياھەت ئېكسكۇرسىيەنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. ياخشى مۇھىت شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن زور تۈركۈم ساياھەتچىنى ئارقا - ئارقىدىن جەلپ قىلىپ، پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق يېزا - كەنت ساياھىتىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتى كەسىپكارلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 15 مىڭ يۈەن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ھازىر شەھەرلىكلەر كەنتكە كېلىپ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ 50 - 60 مو يەردىكى جىغانلىرىم ئۇلارنىڭ ئۈزۈشىگە يەتمەيۋاتىدۇ!» دېدى چاغانغۇل يېزىسى يالتىرتاش كەنتىدىكى دېھقان مەيدىن ئەنسەر چېھرىدىن بەخت جىلۋىلەنگەن ھالدا.

داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇش

جىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرالايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. يېمەكلىك ۋە دورا سۈپىتىدە تەڭ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، تەركىبىدە كۆپ خىل تەبىئىي ۋىتامىن مول. ئاپتونوم رايونىمىز جىغان ئۆستۈرۈشنى نۇقتىلىق ھالدا ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئىبارەت تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى يەتتە ناھىيەگە ئورۇنلاشتۇردى.

2022 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 500 مىڭ موغا يەتكۈزۈش، ھوسۇلىنى 30 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى. 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جىغان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ 1 مىليون موغا، ھوسۇلىنى 80 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكۈزۈش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى