شىنخۇا تورى خەۋىرى: شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى تولى ناھىيەسى ساز كۆلى مەنزىرە رايونى ناھىيە بازىرىغا 90 كىلومېتىر كېلىدۇ، ياز كۈنلىرى، ساز كۆلى يايلاققا زىننەت قوشۇپ تۇرغان تولۇن ئايغا ئوخشاش، جىمجىت ھەم گۈزەل. ئاق قۇ ۋە باشقا پەسىل قۇشلىرى توپ-توپ بولۇشۇپ ساز كۆلىدە كۆپىيىدۇ. قاراڭ، ئاق قۇ ۋە باشقا قۇشلار كۆل يۈزىدە ئۈزۈپ، ئوينىشىپ، ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ئۆزىگە مەنسۇپ بەختتىن ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ. كۆل، ئوتلاق، كىگىز ئۆي... بىر پارچە گۈزەل تەبىئىي رەسىم ئاستا-ئاستا نامايان بولدى.
سۈپسۈزۈك سۇلار، ياپېيشىل ئۆت-چۆپلەر، ئارغىماقلار.
قۇملۇق چايكىلىرى توپلاشتى.
كەچكى شەپەق ئاستىدىكى ساز كۆلى يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى.
ئاق قۇلار كۆلدە ئۈزمەكتە.
بۇ پەسىل قۇشلىرى ياشايدىغان جاي.
كەچكى شەپەق نۇرى ئاستىدىكى تىنچ گۈزەللىك.
ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە.
(ئاپتورنىڭ ئىدارىسى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى