تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا بېسىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

  پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا ئەسكەرتىدۇكى:

  ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا ئۆزىڭىزنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن يەنفاڭ): يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەربىر مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا نۇرغۇن تېببىي خادىم ۋە خىزمەتچى خادىم جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ ئىشلىدى، ئۇلار ھەر كۈنى ئىشلارنى ئۇششاق ۋە يىرىك دېمەي، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمەت خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق شەھەر ئاھالىسىنى پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، يېتەكلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان «ئىللىقلىق ھەمراھ  مۇھەببەت لىنىيەدە» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىسخىكىلىق قوللاش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدىمۇ بارلىق مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىغا پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى سەپلىنىپ، بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارغا مۇستەھكەم پىسخىكىلىق مۇداپىئە تېمى بەرپا قىلىپ بەردى.

  8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مۇخبىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە پىسخىكلىق ياردەم بېرىش پىدائىيسى — شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋراچى ما شياۋجيې ۋە دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى رېن سۈييۇەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ پىسخىكىسىنى تەڭشەش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتى قىلغاندا، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك

  رېن سۈييۇەن: تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار ھەر كۈنى ئىنتايىن مۇھىم، قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان كۈندىلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆڭلىدە ۋىرۇسقا بولغان ۋەھىمە، ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنىش ۋە ئۇلارغا بولغان خىجىللىق تۇيغۇسىدىن ساقلىنالمايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلىۋەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

  ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھالىتىنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئۆزىگە بۇنىڭ سېزىمچانلىق ھالىتىدىكى نورمال ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئېيتىش كېرەك، يەنى بۇ جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئادەم بەدىنى ئاپتوماتىك ھالدا چىقارغان تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسى بولۇپ، بىزنىڭ بەدىنىمىزنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ چاغدا ئۆزىمىزنى ئەركىن تۇتساقلا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر كۈنى خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، تېلېفوندا سىنلىق ئۆزئارا ئەھۋاللىشىش، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆرۈشكەندە ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنىڭ ھەممىسى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى چارچاشنى پەسەيتەلەيدۇ.

  ئەگەر بەزىدە بىر قىسىم مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان كىشىلەردە ئۆز كەيپىياتى سەۋەبىدىن ئاغرىنىدىغان ۋە سەۋەبسىز قۇسۇر ئىزدەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، خىزمەتچى خادىملار ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ۋەھىمە ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى مۇۋاپىق ئىپادىلەيدىغان ئۇسۇل ۋە يول تاپالماي، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى باشقۇرالمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ياخشى قىلالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى بىلىشى، توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىشى، كۆڭلىگە ئالماسلىقى كېرەك.

  كەيپىيات جىددىيلىشىپ تىت-تىت بولغاندا توختاپ بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئىشى يوق ۋاقىتلاردا لۈگۇ پەللىسى(قۇلاقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى)نى ئاستا باسقاندا، بىر قسىم تەشۋىش ۋە خامۇشلۇق كەيپىياتىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى كۆرىدىغان ناخشا ياكى يېنىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا بولىدۇ. ئەگەر ئۇدا بىر ھەپتىگىچە كەيپىياتىنى تەڭشىيەلمىسە، پىسخىكىلىق ياردەم بېرىدىغان كەسپىي خادىملاردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كەيپىياتىنى زورلاپ باسماسلىقى كېرەك.

  ئۆزىگە كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىش شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى خىزمەت بىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۆزىمىزگە كۆيۈنگەنلىك ئائىلىمىزدىكىلەرگە، خىزمەتكە ۋە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارغا بولغان ئەڭ كۈچلۈك مۇھەببەت.

  بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇل ياخشى كەيپىياتنى ساقلاشقا ياردەم قىلىدۇ

  ما شياۋجيې: خىزمەت سىجىللىقى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش كۈزدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇڭا خىزمەتچى خادىملار ئالدى بىلەن ئامال بار يېمەك-ئىچمەككە، ئوزۇقلۇقنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، يېمەكلىكنىڭ مىقدارىغا، تۈرلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر مول بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بەزى خىزمەتچى خادىملار ئالدىراشچىلىقتا تەييار چۆپ يەيدۇ، بۇ ئىلمىيلىك ئەمەس، بىز بۇنى تەشەببۇس قىلمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك، ئامال بار ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ئىچى سۈرۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كوللېكتىپ ئىچىدە ئۆزئارا ھەمبەھرىلىنىش، ئۆزئارا قوللاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتى ئاستىدا، ۋاقىت چىقىرىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن مۇۋاپىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھېسسىياتى ۋە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەش، بىر قول ئىشارىتى، بىر ئېغىز ئەھۋال سوراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىللىق غەمخورلۇق ھەم مەدەت، ئۆزئارا ئىشىنىش ھەم قوللاشتۇر.

  شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. يۇقۇم سەۋەبىدىن، بىزنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىمىز ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان ئورنىمىز زور چەكلىمىگە ئۇچرىدى، لېكىن بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشنى ئۆگىنىپ، بار بولغان بوشلۇقتىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن دوستلار يان تېلېفون ھەرىكەت يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم دوستلار ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا ئوينايدۇ، ئارغامچا تاقلايدۇ ياكى گىمناستىكا ئوينايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋسىيە قىلىشقا بولىدىغان ئۇسۇللار، بىراق ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى، ھەرىكەت مىقدارىمۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، ھەر كۈنى 30-15 مىنۇتقىچە ھەرىكەت قىلىش كۇپايە، بۇنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ياخشىلاشتىمۇ بەلگىلىك رولى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى