مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى


2-ئاينىڭ 6-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. بورتالا شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنلەي چارۋىچىلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كالا گۆشى داڭلىق ماركىسى «تيەنلەي شياڭنيۇ»نى يارىتىپ، دېھقانچىلىق رايونىدا باقمىچىلىقىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە، مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ يىلدىكى پىششىقلىغان گۆش مەھسۇلاتلىرى 2000 توننىدىن ئاشتى. شاتىك قايرات فوتوسى

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىل دەريا باش غول ئۆستىڭىگە رەسمىي سۇ يەتكۈزۈلدى. بۇ غول ئۆستەڭنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 145 كىلومېتىر بولۇپ، ئۆستەڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شاپتۇل بازىرىدا باشلىنىپ، ئۆردەكلىك يېزىسىدا ئاخىرلىشىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە تىزگىنلىنىدىغان سۇغىرىش كۆلىمى 2 مىليون 426 مىڭ 300 مو كېلىدۇ. يۈ سىمىن فوتوسى

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىگىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. باھار بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن، سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، زاكاز تالون ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى. لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىشچىلار تيېمېنگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ تيەنچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرىنى ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا زاكاز قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقتا. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەزكۇر شىركەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا-سايمانلىرى زاكاز تالونىدىن 3000دىن ئارتۇقنى تاپشۇرۇۋالدى. لى جياچېڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىزچىلار گىلەمچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى زاكاز قىلىنغان بىر تۈركۈم گىلەملەرنى توقۇماقتا. بۇ شىركەتنىڭ توقىغان گىلەم، گۈل باسقان پالاز قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدا بازار تاپتى. ياڭ جيې فوتوسى

2-ئاينىڭ 6-كۈنى، خىزمەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ گېڭجى يېڭى ماتېرىيال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان كارخانا بولۇپ، تاغار ۋە يىغىپ قاچىلاش خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، كارخانىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 100 مىليونغا دانىگە يېتىدۇ. سۈي ۋېنجۈەن فوتوسى

2-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسى لەنمېيجىڭ يۇيۇپ تازىلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدە، ئىشچىلار دەزماللانغان رەختلەرنى رەتلىمەكتە. باھار بايرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ شىركەت مېھمانساراي، دوختۇرخانا، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم زاكاز تالوننى تاپشۇرۇۋالدى، كۈندىلىك يۇيۇپ تازىلاش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1000 يۈرۈش ئەتراپىدا كۆپەيدى. جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، بۇ دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش پەيتى. يىلان يىلىدىكى باھار بايرىمىنىڭ خۇشاللىقى تېخى تۈگىمەي تۇرۇپلا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش ھالىتىگە كىردى.
شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «قەدەم ئېلىپلا ئاتاكىغا ئۆتۈش»تىن ئىبارەت جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھالىتىدە، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش چوڭ دولقۇنىدا قەيسەرلىك بىلەن ئالدىدا ماڭدى.
ئىگىرىش ماشىنىلىرىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى توقۇمچىلىق كارخانىلىرىنىڭ مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىكى ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالى بولدى؛ كەپشەرلەش جەريانىدىكى ئۇچقۇنلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن زاكاز تالونغا ئالدىراشتىكى سىگنال چىرىغى بولدى... ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپتىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىپ، زاكاز تالون ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشىدىكى غول ئۆستەڭگە سۇ يەتكۈزۈلدى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى قۇراشتۇرۇلدى... ھەرقايسى جايلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشچىلار سۈرئەتنى تۇتۇپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى كۆپلەپ مەيدانغا كەلتۈردى.
ياخشى ئىشلەپ يىللىق ياخشى نەتىجە يارىتىش، تىرىشىپ ئىشلەپ يىللىق ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بۇ يىل يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇشچىلار باھار پەيتىنى قەدىرلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.