تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى قانچىلىك گۈزەل؟ بارسىڭىز چۈش كەبى گۈزەل مەنزىرە ئىچىگە كىرگەندەك بولىسىز

    2-ئاينىڭ 5-كۈنى، تاڭ نۇرى ئەمدىلا سۈزۈلگەن بولۇپ، غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسىدا، تۇمان كۆتۈرۈلۈپ، دەرەخ شاخلىرىنى تۇمان سۆڭگىسى باسقانىدى، ئىككى چوڭ كۆلدە كۆپلىگەن ئاق قۇ گاھ قاناتلىرىنى قېقىپ ئەركىن ئۈزسە، گاھ بويۇنلىرىنى گىرەلەشتۈرەتتى، گاھ كۆكتە پەرۋاز قىلسا، گاھ كۆكتىن لەرزان ئۇچۇپ چۈشۈپ كۆل يۈزىگە قوناتتى، گاھ يۇقىرى ئاۋازدا ئۈنلەپ، خۇشال ئويناقشىپ يۈرەتتى، بۇ، گۈزەل ئېكولوگىيە يۆگىمە رەسىمىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

  ئاق قۇ بۇلاق سۇلۇق يەر باغچىسى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى شاخلىقتام كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، يەر ئاستى ئارشاڭ بولغاچقا، كۆل سۈيى يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى مول بولۇپ، ئاق قۇلارنىڭ قىشنى ئۆتكۈزۈشىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ماكانغا ئايلانغان.

    1993-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ، چوڭ ئاق قۇ قازاقىستاندىكى بالقاش كۆلىدىن ئۇچۇپ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، بۇ يەردە ماكانلىشىپ قىشنى ئۆتكۈزمەكتە ھەم سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. 

  سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇ بىلەن چوڭ ئاق قۇ ياۋا غازسىمانلار تۈرى ئۆردەك ئائىلىسىدىكى قۇ تىپىغا تەۋە قۇش بولۇپ، ھەر ئىككىسى دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانغا كىرىدۇ. سۆگەل بۇرۇن ئاق قۇنىڭ تۇمشۇقىنىڭ ئەتراپى ھەمدە پىشانىسى سۆگەل شەكلىدە كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ بىردەك قارا رەڭگە كىرگەن بولۇپ، تۇمشۇقى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە؛ چوڭ ئاق قۇ سېرىق تۇمشۇق ئاق قۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۇمشۇق ئەتراپى قارا رەڭدە بولۇپ، ئۈستۈنكى تۇمشۇقىنىڭ تۈۋى تەرىپى سېرىق رەڭدە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا ناھىيەسى ئاق قۇ بۇلاق ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، قوغداش رايونىنى بېكىتىش، چارلاش ۋە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاق قۇلارنى بىخەتەر، ئازادە ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، 800دىن ئارتۇق ئاق قۇ بۇ يەردە ماكانلىشىپ قىشنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، سان جەھەتتە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.

  (ئىلى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى لەي يۈنىڭ، جاڭ چىڭخۇا، شيې دۇڭ)

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.