تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال

  شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرى جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن يەنە شەرەپ كەلتۈردى

2- ئاينىڭ 9- كۈنى، بايان جالىن مۇسابىقىدە. شۇ كۈنى، 9- نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ بەش كىلومېتىرلىق (ئەركىن ماھارەت) مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرلىرىدىن بايان جالىن، دىلنىگار ئىلھامجان، چى چۇنشۆ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا چېمپىيونلۇقنى ۋە 2- لىك، 3- لىكنى قولغا كەلتۈردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليەن جېن فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، خاربىندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 9- نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرى جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن ئۇدا 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ تۈردە تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، دالىدا قار تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ بەش كىلومېتىرلىق (ئەركىن ماھارەت) مۇسابىقىسىدە، ئالتايلىق قىز بايان جالىن بىلەن دىلنىگار ئىلھامجاننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى. بايان 12 مىنۇت 7 سېكۇنت 5 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن ئالتۇن مېدالغا، دىلنىگار 3.6 سېكۇنتلۇق پەرق بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. بۇ يەنە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ۋە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  سائەت 12لەردە، شىنجاڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 35 يىل كۈتكەن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدالغا ئېرىشىش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك مۇز ئۈستى مەشىق مەركىزىنىڭ تېز سۈرئەتتە تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ 500 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە، ئىككى نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېنىققان قارامايلىق قىز تيەن رۇينىڭ 38 سېكۇنت 57 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. ئىككى سائەتتىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش بويىچە ئاياللارنىڭ قىسقا ئارىلىققا كوللېكتىپ قوغلىشىش مۇسابىقىسىدە، تيەن رۇينىڭ، يۈ شىخۇي، خەن مېيدىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوماندىسى 1 مىنۇت 28 سېكۇنت 85 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

  «گەرچە ئىككى مېدالغا ئېرىشكەن بولساقمۇ، لېكىن ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئازراق ئەپسۇسلاندۇق، ئەگەر ئىنچىكە ھالقىلاردا يەنىمۇ ياخشى قىلغان بولساق، مۇسابىقىدىكى تەرتىپتە يەنىمۇ ئالدىغا ئۆتەلەيتتۇق.» ئالتۇن مېدال ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان تيەن رۇينىڭنىڭ خۇشاللىقى ئىچىدە ئازراق ئەپسۇسلىنىش بار ئىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش مۇسابىقە مەيدانىدىن يەنە خۇش خەۋەر كەلدى. قار تېيىلىپ تاغقا چىقىش بويىچە ئەرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىق مۇسابىقىسىدە ئالتايدىن كەلگەن 19 ياشلىق يىگىت بۇلۇر چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن يەنە بىر ئالتۇن مېدال ئالدى.

  سائەت 13لەردە، تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش بويىچە ئەرلەرنىڭ 5000 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە ئالتايدىن كەلگەن 25 ياشلىق يىگىت قاناغات مۇقامەت 6 مىنۇت 31 سېكۇنت 54 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن مىس مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭ ئەرلەر تېز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن مېدال ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  2- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېرىشكەن ئىككى مىس مېدالنى قوشقاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرى 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 4 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، دۇنياۋى چوڭ مۇسابىقىلەردىكى ئەڭ يارقىن تارىخنى ياراتتى.

  «شىنجاڭ مول قار- مۇز بايلىقىغا ئىگە، لېكىن 1990- يىلىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۇنجى تەنھەرىكەتچى بارلىققا كەلدى. ئارىدىن 35 يىل ئۆتۈپ، شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئارقا ـ ئارقىدىن تارىخنى ئۆزگەرتىپ يېزىپ، 2 ئالتۇن مېدالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 مېدالنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، شىنجاڭدىكى ئۈچ ئەۋلاد قار- مۇز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز جۇغلىغان مول نەتىجىسى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت مەشىق مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى كاڭ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز، كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، شىنجاڭ قار- مۇز ئەزىمەتلىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ قار- مۇز تەنھەرىكىتى ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.