تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باھار بايرىمى ئاخىرلىشىش بىلەن، بۇ كەنتتە «باھار كۈيى» ياڭرىدى

  باھار بايرىمى ئۆتۈپ كېتىشى بىلەنلا، ئاتۇش شەھىرى ئازاق بازىرى قۇمساق كەنتىدىكى پارنىكلاردا ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى. 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، قۇمساق كەنتىدىكى پارنىكتا، كەنت ئاھالىلىرى مايسا يېتىشتۈرۈش تەخسىلىرىنى ئېلىش، قاچىلاش، ئۇرۇق سېلىش، تەخسىلەرنى تىزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ لىن)

  بۇ كەنت بۇ يىل 2 مىليون 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىدى، بۇ، كۆپ خىل گۈل-گىياھ، كۆكتات مايسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مايسىلار شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەرگىمۇ سېتىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بازا + دېھقان ئائىلىسى + تېخنىكا مۇلازىمىتى» ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.