تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈنەس ناھىيەلىك باج ئىدارىسى: كەسىپ + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەشتە ھەقىقىي تەدبىر قوللاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنبونىڭ دۆلەت باش باج ئىدارىسى كۈنەس ناھىيەلىك باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۈنەس ناھىيەسى تالدى بازىرى ئۈچتۆپە كەنتىگە نۇقتىلىق ياردەم بەرگەندىن بۇيان، بۇ ئىدارە نامراتلارنى كەسىپ ئارقىلىق يۆلەش ۋە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشنى مەركەز قىلىپ، كەنت ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كەنتكە تۈر قۇرۇلۇشى كىرگۈزۈپ، پەلەي زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا 47 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 25 نامرات ئائىلىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بىلەن بىللە، باج ئىدارىسى باج تارماقلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئاممىنى «سىرتقا چىقىشنى ئويلاش»تىن ھالقىپ «سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «ئىلگىرى تېخنىكا بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتىم، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقلا كىرىم قىلاتتىم. ھازىر دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدا تېخنىكا ئۆگەندىم، باج ئىدارىسىدىكى كادىرلار ماڭا پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، ئايلىق مائاشىم 4000 يۈەن ئەتراپىدا، تۇرمۇش شارائىتىم كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمەن!» دېدى نامرات ئاھالە ئەلنۇر تۆمۈرجان.

  باج ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق ياردىمىدە، ئۈچتۆپە كەنتىدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2014-يىلىدىكى 2500 يۈەندىن تۆۋەن بولۇشتىن 2019-يىلىدىكى 9800 يۈەنگە يەتتى. كەنتنىڭ يىللىق كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمىمۇ ئىلگىرىكى 60 مىڭ يۈەندىن ھازىرقى 160 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  كۈنەس ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەبلەغ ياردىمى سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچتۆپە كەنتىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئۈزلۈكسىز ياردەم بېرىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ