تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چەرچەن ناھىيەسى: قۇملۇقتا «ئالتۇن» كەسىپ بارلىققا كەلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ، تەكلىپلىك مۇخبىر چېن شۆرۇ خەۋىرى): شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ يەر شەكلى شەرقىي جەنۇب تەرىپى ئېگىز، غەربىي شىمال تەرىپى تۆۋەن، شىمال تەرىپى چۆل ـ باياۋان. ناھىيە تەۋەسىدە قۇملۇق، تاغلىق يەر كۆلىمى كۆپ، قۇم-بوراننىڭ زىيىنى ئېغىر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز. كۆپ يىللاردىن بۇيان، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە ئېگىزلىككە يۈرۈش قىلىش خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، ئەمگەكچان چەرچەن خەلقى ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد تىپىدىكى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، چەرچەن ناھىيەسىنى تەدرىجىي ھالدا قۇملۇق توشقان زەردىكى بىلەن ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى تېرىشتە تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا باشلىدى.

   چەرچەن ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولات قايىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە قۇملۇقنىڭ ناھىيە بازىرىغا قاراپ سىلجىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئۈچۈن، سۆكسۆك ئورمىنىنى ئاساس قىلغان قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلەيدىغان ئۆسۈملۈك سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ، ھازىرغىچە 115 مىڭ مو سۈنئىي ئورمان بەرپا قىلغان.

   كەڭ كەتكەن سۆكسۆك ئورمىنىدىن سودىگەرلەرگە سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ يەتتى: سۆكسۆك ئورمىنىغا توشقان زەردىكى كۆچۈرۈش، بۇنداق بولغاندا ھەم سېرىق قۇمنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى، بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ. چەرچەن ناھىيەلىك شىننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شۈ نىڭنىڭ ئېيتىشىچە، 2003ـ يىلىدىن بۇيان، بۇ شىركەت جەمئىي 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 40 كىلومېتىر كېلىدىغان سۆكسۆك ئورمىنى تېرىلغۇ كۆلىمىنى تاماملاپ، توشقان زەردىكى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان. 2019-يىلى شىركەتنىڭ مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 20 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە چەرچەن ناھىيەسى سۆكسۆك ئورمىنىغا توشقان زەردىكى كۆچۈرۈپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى 55 مىڭ موغا يەتكۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، مەيدانلارغا 16 مىڭ 500 مو توشقان زەردىكى كۆچۈرۈلگەن؛ 12 كارخانا، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى 28 مىڭ 500 مو توشقان زەردىكى كۆچۈرگەن؛ قۇم تىزگىنلەش پونكىتى 11 مىڭ مو يەرگە توشقان زەردىكى كۆچۈرگەن. 2019-يىلى جەمئىي 4.1 توننا توشقان زەردىكى ئۇرۇقى، 620 توننا يېڭى توشقان زەردىكى يىغىۋېلىنغان.

   توشقان زەردىكى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم چەرچەن خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلىدى، شۇنداقلا ئېگىزلىكتىن ئۈنۈم يارىتىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى. بۇنىڭدا ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. نۆۋەتتە، قوراملىق يېزىسىنىڭ ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، يېزىدىن پۈتۈن ناھىيەگە تارقىلىپ، بۇ ناھىيەدىكى ئېخەزلىك سامسىقى تېرىقچىلىق تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى.

   قوراملىق يېزىسىنىڭ باش كېچىك كەنتىدە ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى تېرىغان دېھقان توختى ئابدۇۋەلى شۇ جايدىكى داڭلىق تېرىقچىلىق ماھىرى ئىدى. ئۇ ئۆستۈرگەن ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامساقلىرىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 2015-يىلىدىكى 200 كىلوگىرامدىن 2019-يىلى 500 كىلوگىرامغا يەتتى.

   توختى مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىگەنلىكى ۋە كېڭەيتىپ بەرگىنىگە رەھمەت، ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى ھەقىقەتەن بېيىش <ئالتۇن تۈگۈنچەك>ى ئىكەن. بۇ يىل ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقىدىن قىلىدىغان كىرىمىم 100 مىڭ يۈەن ئېشىشى مۇمكىن.»

   قوراملىق يېزىسى جاڭگالساي كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ھۆرىگۈل مۇسا ئائىلىسى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى تېرىش، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا تايىنىپ، بىراقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە بولۇپ قالدى. 2019-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ 740 يۈەنگە يەتتى.

   ھازىرغا قەدەر، قوراملىق يېزىسىنىڭ ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى تېرىلغۇ كۆلىمى 750 مودىن ئاشتى. ھازىر ئېگىزلىك خۇشپۇراق سامسىقى كەسپى بۇ يېزىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپكە، تېخىمۇ مۇھىمى چەرچەن ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى