جۇاڭ شىخۇا ۋە ئۇنىڭ داۋالاش كىچىك ئەترىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردا سەييارە كېسەل كۆردى
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرى تۆۋەنكى خاڭدى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابىدە ئېزىز كېۋەزلىكتە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتى. «ئىلگىرى، مېنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى كېسىلىم بار ئىدى، پۇتۇم بەك ئاغرىپ كېتەتتى، ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىيەلمەيتتىم. ھازىر كېسىلىم خېلى ياخشى بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن جۇاڭ شىخۇا دوختۇر ۋە ئۇنىڭ داۋالاش كىچىك ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.» دېدى ئابىدە.
ئابىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن كېسىلىنى داۋالىتالماي، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. كېۋەزلىكنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق، پاختا تېرىش پەسلىگە كەلگەندە ئادەم تەكلىپ قىلىدىغانغا پۇل يوق، شۇڭا ھەر يىلى كېۋەزدىن تۈزۈك ھوسۇل ئالالماي، كۈنلىرى بارغانسېرى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتەتتى. 2019-يىلى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسى جىگەر، ئۆت تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى جۇاڭ شىخۇا داۋالاش شۆبە ئەترىتىنى باشلاپ كەنتلەرگە بېرىپ سەييارە كېسەل كۆردى، ئابىدەنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قولايسىزلىقىنى، كېلىپ كېسەل كۆرسىتىشكە ئامالسىزلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش مەلھىمى يەتكۈزۈپ بەردى، ئۇنى داۋالىغاندىن كېيىن يەنە دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويدى. ھازىر ئابىدەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى. «بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كېۋەزلىكىنى ئۆزۈم باشقۇردۇم، مۆلچەرىمچە بۇلتۇرقىدىن 8000 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق كىرىم قىلالايمىز.» دېدى ئابىدە خۇشال ھالدا.
ئىگىلىنىشىچە، تۆۋەنكى خاڭدى كەنتى چەت، يىراق كەنت بولۇپ، ئېغىر نامرات كەنت ئىكەن، كەنت شىپاخانىسىنىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قولايسىز ئىكەن. خۇددى ئابىدە ئائىلىسىگە ئوخشاش، كەنتتىكى بەزى كىشىلەر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئىكەن.
«بىر ئاغرىقنى داۋالاپ ساقايتقاندا، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ.» جۇاڭ شىخۇا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەر يىلى داۋالاش شۆبە ئەترەتلىرىنى باشلاپ ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن سەييارە كېسەل كۆردى. ھەر بىر كەنتكە بارغاندا، داۋالاش شۆبە ئەترىتىدىكى دوختۇرلار ئاغرىقنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاغرىقلارغا دورىلارنى ھەقسىز بېرىپ، دورا ئىچىش مىقدارى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈردى ھەم دورىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارىنى قەغەزگە يېزىپ قالدۇردى. ھەرىكىتى قولايسىز ئاغرىقلار كېلىپ داۋالىنالمىسا، ئۇلار ئاغرىقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دورا يەتكۈزۈپ بەردى. داۋالاش ئەترىتى يەنە كۈتۈنۈش ساۋاتلىرى قوللانمىسىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك ئاغرىقلارغا ساغلاملىق لېكسىيەسى سۆزلىدى. ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئاغرىقلار بولسا، ئۇلار دەرھال ئاغرىقنى قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالىدى.
قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى دوختۇرخانىسىنىڭ جىگەر، ئۆت تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىدە مۇنداق بىر بەلگىلىمە بار: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن كەلگەن ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدا كارىۋات ھەرقانچە قىس بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر ۋاقىت دوختۇرخانىدا يېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، ئوپېراتسىيە قىلىش، داۋالاش ھەققى قىممەت بولۇش، كېسەل داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇاڭ شىخۇا ۋە ئۇنىڭ داۋالاش شۆبە ئەترىتى بىر يۈرۈش ئىلمىي، ئەرزان، ئۈنۈملۈك داۋالاش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، مۇۋاپىق تەكشۈرۈپ ۋە دورا ئىشلىتىپ، ئارىلىقتىكى ھالقىلارنى ئازايتىپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۈپتىن تۆۋەنلەتتى. دوختۇرخانا يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىكى ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئاغرىقلارنىڭ ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىككە ۋەدە بەردى.
«جەنۇبىي شىنجاڭدىن كەلگەن ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس، بىر كۈن ئاز ياتسا، بىر كۈنلۈك چىقىمى ئاز بولىدۇ، بىز ئاغرىقلارنى ئەڭ ئاز پۇل خەجلەپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» دېدى جۇاڭ شىخۇا. بىر قېتىم كېسەل كۆرۈش، بىر قېتىم داۋالاش، بىر تال دورا يەتكۈزۈپ بېرىش. قارىماققا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە چېچىلغانىدى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى