تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر نيەن لېي خەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىدىكى بېيشەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا، قوي پادىلىرى ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە. يامغۇردىن كېيىنكى چارۋىچىلىق مەيدانىدا، ئوت-چۆپلەر ياپيېشىل، قوي-كالىلار توپ-توپ بولۇشۇپ، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت ۋە يىراق تاغلارنىڭ ھۆسىن قوشۇشى بىلەن خۇددى بىر پارچە گۈزەل ئېكولوگىيەلىك رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلارنى چارۋىچىلىقنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.
قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى