تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ساۋەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا يىغىپ سېتىشىغا ياردەملەشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يەن ۋېنخۇا، جاڭ خۇا خەۋىرى): «خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە شوخلىنى ۋاقتىدا يىغىۋالغاچقا، زىيان بولمىدى، ئۇلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.» دېدى شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى ئەنجىخەي بازىرى نۇڭجۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يىن دۇڭجۈن.

ھازىر قىيامغا ئىشلىتىلىدىغان شوخلىنى ئۈزىدىغان پەسىل، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى، ساۋەن ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى شوخلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە پىشقانلىقى، ۋاقتىدا يىغىۋېلىش كېرەكلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئىككى شوخلا يىغىش ماشىنىسى، ئالتە يۈك ئاپتوموبىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ئەكىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شوخلا يىغىۋېلىش ۋە يۆتكىشىگە ياردەم بەردى.

خىزمەت ئەترىتى يەنە ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى تەشكىللەپ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، شوخلىنى يىغىش، توشۇش، سېتىش ھالقىلىرىغا تەرتىپلىك قاتنىشىپ، شوخلا تېرىغان دېھقانلار دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 200 نەچچە مو يەردىكى شوخلىنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىندى.

«بۇ بىر نەچچە كۈندە، بىز پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىزلارغا بېرىپ شوخلا تېرىغانلارنىڭ شوخلىلارنى يىغىۋېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدۇق.» 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ يۈنجۈن مۇنداق دېدى: «شوخلىلار يىغىۋېلىنىپ سېتىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرۈپ، بىزمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.»

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ