بىڭتۈەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن خۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر چى لۇڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا، كۆكتات توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈلۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىنغاندىن كېيىن تەرتىپلىك بازارغا كىردى، سودىگەرلەر توشۇش، جىڭلاش، قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «بۈگۈن 60 نەچچە توننا كۆكتات سېتىلدى، بازار سودا مۇلازىمەت ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىپ، 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تېجەلدى» جيۇدىڭ بازىرىدىكى سودىگەر گو ليەنيىڭ شۇنداق دېدى.
تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، جيۇدىڭ بازىرىدا كۆكتات توشۇيدىغان بارلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ مەيدانغا كىرىش ھەققى، ئاپتوموبىل ئورنى ھەققى، مەيدانغا چىقىپ مال ئېلىش ھەققى، ۋاقىت ئېشىپ كېتىش ھەققى قاتارلىقلار كەچۈرۈم قىلىندى، ھەر توننا كۆكتاتنىڭ كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان خىراجىتى 70 يۈەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 1 مىليون يۈەن خىراجەت كېمەيتىلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 12- شىدىكى ئالاقىدار تارماقلار بازار ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بازار كۆكتات باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، ياخشىلاشنى قوللىدى. نۆۋەتتە، جيۇدىڭ بازىرىدا سېتىلىدىغان كۆكتات تۈرى 100 خىلدىن ئاشىدۇ، ھەر كۈنى 3500 توننا ئەتراپىدا سېتىلىپ، ئۈرۈمچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.